ھىندىنوزىيىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىدى

351 2012-04-12 10:33:41   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ جاكارتا 11-چىسلادىكى خەۋىرى:ھىندىنوزىيە مىترولوگىيە ۋە يەر شارى فىزىكىسى ئىدارىسىنىڭ 11-چىسلا ئېيتىشىچە،ھىندونىزىيىنىڭ باندا ئاچى دېڭىز رايونىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن 8.5باللىق كۈچلۈك تەۋرىنىش كۆرۈلگەن بولۇپ،مەزكۇر ئورۇن ئاللىقاچان دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقارغان.

شۇ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،يەر تەۋرەش شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 39مىنۇت ئۆتكەندە ھىندونىزىيىنىڭ سۇماتىرا ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى غەربىي قىرغاققا يېقىن دېڭىز رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ،تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 2.3گرادۇس،شەرقىي مىردىئان 92.2گىرادۇسلۇق جايغا يەنى بەندا ياچى شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 440كىلومىتىر كېلىدىغان جايدا يۈز بەرگەن.

يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن،ھىندونىزىيە دېڭىز تاشقىنىدىن مۇداپىئەلىنىش سىگنالى چىقارغان بولۇپ،يەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە،يەر تەۋرەش مەركىزىگە بىر قەدەر يېقىن بولغان بەندا ياچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەر كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمىنى ھېس قىلغان،كىشىلەر قورقۇپ كەتكىنىدىن بىنالاردىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كوچىلارغا يوشۇرنىۋالغان، ياچى ئۆلكىلىك دوختۇرخانىدىكى بىمارلارمۇ تېزدىن ئوچۇقچىلىققا يۆتكەلگەن.

مۇخبىر تېلېگرامما يوللىغان ۋاقىتقىچە  ھېچقانداق دېڭىز تاشقىنى ياكى بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىدەك ھادىسىلەر ياكى مال-مۈلۈك زىيىنى،ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەن.

يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ،ھىندونىزىيە پرېزىدېنتى سۇسىلو شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تېلىۋىزوردا نۇتۇق سۆزلەپ،ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ ھەر ۋاقىت يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئوت ئاپىتىگە ھوشيار بولۇشىنى ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر