بانكىلارنىڭ مۇلازىمەت ھەققىگە قارىتا تەكلىپ بەردى
بانكچىلىق نازارەت كومىتېتى ھەرقايسى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ھەق ئىلىش مۇلازىمىتىنىڭ باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ۋە ئېنىقلاپ، باش تور بېكىتىدە بىرتۇتاش ئېلان قىلىشنى ياكى كىتابچە قىلىپ تارقىتىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، سودا-سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، قاتناش بانكىسى ۋە پوچتا بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىردەك، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەلىپى بويىچە بانكىنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان مۇلازىمەت تۈرلىرى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئېنىقلاپ، مۇلازىمەت ھەققى كاتالوگىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
4-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەرقايسى چوڭ بانكىلارنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان مۇلازىمەت تۈرى ۋە باھاسى تىزىملىكىنىڭ بانكا زالىغا تىزىقلىق تۇرغانلىقىنى، بىر قىسىم مۇلازىمەت تۈرلىرى ۋە ئۆلچىمىنىڭ تەڭشەلگەنلىكىنى، ئەمما ئېلان قىلىنغان تۈرلەرنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ توردا ئېلان قىلىش جەھەتتە ئارقىغا سوزۇش ھادىسىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بانكىلارنىڭ نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش ئىشلىرىنى ئوڭشاش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىشقا توغرا كېلىدىكەن.