گرېتسىيەنىڭ ئافېنا شەھىرى پارلامېنتى ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان ياشانغان كىشىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك نامايىش قىلدى

250 2012-04-09 11:16:50   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    4-ئاپرىل، نۇرغۇن كىشلەر گرېتسىيەنىڭ ئافېنا شەھىرى پارلامېنتى ئالدىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان ياشانغان كىشىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك نامايىش قىلدى ھەمدە نامايىش جەريانىدا ساقچى تەرەپ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. كۆرگۈچىلەردىن بىرى مۇنداق دېدى: بۇ بوۋاي ئوق چىقىرىشتىن بۇرۇن يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ، مەن قەرزلىرىمنى بالا-چاقىلىرىمغا قالدۇرۇشنى خالىمايمەن، دېدى. ئىگىلىنىشىچە، 77 ياشقا كىرگەن بۇ بوۋاي پېنسىيىگە چىققان دورىگەر بولۇپ، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن باغاقچىدە ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىپلەش بىلەن بىرگە يەنە، مەن بالىلارغا يۈك بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن، ئەخلەت دۆۋىسىدىن يىمەكلىك تېپىپ يىيىشنى تېخىمۇ خالىمايمەن ھەمدە مۇشۇ خىل ئىززەت-ھۆرمەتلىك ئۇسۇل ئارقىلىق ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر