ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تور بېكىتىنىڭ 1-ئاپرېل ماقالىسى چاررۇسىيە فلوتىنىڭ قوماندانى ئالېكساندىر كولچاك 1919-يىلى نويابىردا ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان قالدۇق قىسىمنى باشلاپ، چار پادىشاھ بەرگەن 1600 توننا ئالتۇننى قوراللىق قوغدىلىدىغان 28 ۋاگونلۇق پويىزغا قاچىلاپ سىبېرىيىگە قېچىپ كەتكەن. بۇ ئالتۇنلارنى توشۇپ ماڭغان قىسىم بايقال كۆلىگە كەلگەندە قەھرىتان سوغۇق، شىۋىرغانلىق بورانغا ئۇچرىغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئالتۇنلار سېھىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن. ئالتۇنلارنىڭ ئىز دېرىكىنى ھېچكىم بىلمىگەن بولسىمۇ، ئالتۇنلار پويىز بىلەن تەڭ بايقال كۆلىگە چۆكۈپ كەتكەن، دېگەن قاراش ھازىرغىچە كەڭ تارالغان. بايقال كۆلى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ قەدىمىي، سۇ مىقدارى ئەڭ كۆپ تاتلىق سۇ كۆلى. شۇ ئىشتىن كېيىنكى 90 نەچچە يىلدا، چار پادىشاھنىڭ «بايقال كۆلىگە چۆكۈپ كەتكەن» 1600 توننا ئالتۇنى بايلىق ئىزدەش قىزغىنلىقى قوزغىدى.
روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن مەلۇم خۇسۇسىي شىركەت بۇلتۇر ئىيۇلدىن باشلاپ 4 مىليون 500 مىڭ فونتسىتېرلىڭ مەبلەغ سېلىپ، بايقال كۆلىدە چارلاشنى باشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاشۇ ئالتۇنلارنى تېپىش ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بايلىق ئىزدەشكە ئىشلىتىلگەن كىچىك تىپتىكى ئىككى سۇ ئاستى پاراخوتى «تىنچلىق 1-نومۇر» بىلەن «تىنچلىق 2-نومۇر» دا ئۈچ ئادەم مەشغۇلات قىلالايدىكەن، ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا 6000 مېتىر چۆكەلەيدىكەن. كىچىك تىپتىكى بۇ ئىككى سۇ ئاستى پاراخوتى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا كۆل ئاستىغا نەچچە يۈز قېتىم چۈشكەن ھەم بۇلتۇر سېنتەبىردە كۆل ئاستىدىن تۇنجى قېتىم ۋاگون پارچىلىرىنى تاپقان.
«تىنچلىق 2-نومۇر» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى يېقىندا يەنە سۇ يۈزىدىن تەخمىنەن 400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كۆل ئاستىدىن قارىماققا ئالتۇنغا ئوخشايدىغان پارقىراق مېتال بويۇم بايقىغان. سۇ ئاستى ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى سۇ ئاستى پاراخوت ئۈسكۈنىسى بىلەن قىسىپ ئېلىشقا كۆپ قېتىم ئۇرۇنغان بولسىمۇ،كۆل ئاستىدىكى قۇم شېغىل زىيادە بوش ھەم سىلىق بولغاچقا مەغلۇپ بولغان. ئېكسپېدىتسىيىچىلەر بۇ رايوندا داۋاملىق بايلىق ئىزدىمەكچى بولىۋاتىدۇ. مۇبادا كۆل ئاستىدىكىسى ھەقىقەتەن چار پادىشاھنىڭ يوقاپ كەتكەن ئالتۇنى بولسا، ئۇنىڭ ھازىرقى قىممىتى 70 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: چار پادىشاھنىڭ 1600 توننا ئالتۇنى جاھان ئەھلى ئالدىدا قايتا نامايان بولسا، روسىيە ھۆكۈمى، چار پادىشاھ ئەۋلادلىرى، ھەتتا ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەت ئارىسىدا كەسكىن بايلىق تالىشىش جېڭى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
بايقال كۆلى ئاستىدا بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن بايلىق ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئارخېلوگلار، بايقال كۆلىدە 1886-يىلى دېكابىردا مۇز يېرىلىپ، نەچچە ئون كىلوگرام تەڭگە بېسىلغان ئات ھارۋىسىنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ھالبۇكى، ئۆتكەن 150 يىلدىن 200 يىلغىچە، نۇرغۇن ئات ھارۋىسى، پاراخوت، ئاپتوموبىل ۋە زەمبىرەك قاتارلىق نەرسىلەر تۈرلۈك ھادىسە تۈپەيلىدىن بايقال كۆلىگە چۆكۈپ كەتكەن.