ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى 28-مارت ئېلان قىلىغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى :مىسسۇردىكى بىر بۇتخانىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ ئولتۇرغان 12 ياشلىق بىر قىزنى كىشلەر ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كەلدى ،قىز ساقچىلارغا مۇنداق دېدى :ئىمتھان نەتىجەم ياخشى بولمىغاچقا ،ئاتام مېنى مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ تىلەمچىلىك قىلىشقا بۇيرۇدى .شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇ قىزىنىڭ ئاتىسىنى بالىلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى .
ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ،بۇ قىزنىڭ ئاتىسى ئىنتايىن باي ئىكەن .بۇ باي ئاتا :مەنب قىزىمغا ياخشى ئوقۇمىسا ،كەلگۈسىدە قانداق كۈندە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغان ،ئۇنى تىلەمچىلىك قىلىشقا بۇيرۇغان ،دەپتۇ .بىراق بۇ ئىش ھىندىستاندا بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلدى ،بەزىلەر نارازى بولسا ،بەزىلەر مۇنداق دېيىشىتى :ئادەم قەدىر-قىممىتى بىلەن ياشاش ئۈچۈن ،تىرىشىپ ئۆگىنىشى كېرەك .