شىنخۇا ئاگېنتلىقى،دوبلىن،28-مارت تېلىگىراممىسى:
ئىرېلاندىيە تەتقىقاتچىلىرى بۈگۈن مۇنداق دوكلات ئېلان قىلدى:ئېغىزدا دائىم مەۋجۇت بولىدىغان بىر خىل ۋىرۇس چىشتا پەيدا بولغان يارا ئارقىلىق تومۇرغا كىرىپ،قان قېتىشىش،قان نوكچىسى ۋە يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.
بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان ھېلېن پېتېرسون مۇنداق دېدى:كۆپچىلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا،بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئېغىزنى پاكىز تۇتۇش،ۋىرۇسنىڭ ئۇلغىيىشىغا يول قويماسلىق ئۇچۇرىنى بېرىدۇ.