ئادەتتە، كىشىلەر ئارتېرىيە قېتىش ئالامەتلىرىگە ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندا بولسا پۇشايماندا قالىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلىشىدۇ. بولۇپمۇ ئادەم ئىسمى، سان - سېفىر، چېسلا قاتارلىقلارنى ۋە قىلغان ئىشىنى ناھايىتى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
2. باش قايىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ، بۇنداق ئەھۋال پات - پات قوزغىلىدۇ.
3. قول بارماقلىرىنىڭ تىترىشى ئارتېرىيە قېتىشنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
4. مىجەزى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئىشلارغا يولۇققاندا ئاسانلا ھاياجانلىنىدۇ، كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ، خۇشال بولۇش، غەزەپلىنىش، قايغۇرۇش ئۆزگىرىشى تېز ھەم ئېنىق بولىدۇ، بەزىدە تاققا - تۇققا سۆزلەپ قويىدۇ.
5. بەزىدە تېرىسىدە چۈمۇلە مېڭىۋاتقاندەك تۇيغۇ بولىدۇ.
6. ھەرىكىتى، تەپەككۇرى، ئىنكاسى ئاستىلاپ قالىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ