ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ دۈشمىنى تۇز

1033 2012-03-30 10:43:28   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      1. سەپكۈل ۋە سېرىق داغ: تۇز بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا يۈز نۇرسىزلانغاندىن سىرت، يەنە سەپكۈل چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھايۋانات مايلىرى ۋە ئاقسىللار كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، جىگەرنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يېتىپ سەپكۈل تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا تېرىنى ياخشىلىماقچى بولغانلارغا نىسبەتەن ئىلمىيراق ئۇسۇل ئۇسسۇزلۇقنى كۆپرەك ئىچىپ تېرىنىڭ توكسىنلارنى ھەيدىشىگە ياردەم بېرىش ھەم كۈندىلىك ئىستېمالدىكى تۇزنىڭ مىقدارىنى 6 گىرامدىن ئاشۇرماسلىقتىن ئىبارەت.
      2. چاچ چۈشۈش ۋە سارغىيىش: تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا چاچ چۈشۈپلا قالماستىن، يەنە سارغىيىپ كېتىدۇ. جۇڭگو تېبابەت نەزەرىيەسى بويىچە ئېيتقاندا، بۆرەك كۈچەيگەندە چاچ قارا ھەم پارقىراق بولىدۇ، بۆرەك ئاجىزلاشقاندا چاچ قۇرغاقلىشىدۇ ھەم سېرىق بولىدۇ.
      3. يۈزى ئىششىش: ئىششىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولىدۇ، تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىش شۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
      تۇز بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا بەدەندىكى سۇ مېتابولىزمىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، بەدەندە سۇ تۇرۇپ قېلىپ ئىششىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق چاغدا تۇز ئىستېمالىنى ئازايتىش، سۇلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئىششىش ئەھۋالىنى ئازراق ياخشىلىغىلى ۋە ئىششىقنى ياندۇرغىلى بولىدۇ.
      4. چىرايى نۇرسىزلىنىش ۋە قورۇق كۆپىيىش: تۇز بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا تېرە يىرىكلىشىپ قارىيىپ قالىدۇ، كۈن نۇرىغا قاقلانسا ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىپ قورۇقمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر