يېقىندا، ئامېرىكىدىكى ‹ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى› دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت ياڭاق ئىستېمال قىلغاندا پىسخىكىلىق بېسىم تۆۋەنلەش بىلەن بىللە، قان بېسىمىنىڭمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر تەتقىقاتتا يەنە يېمەك - ئىچمەكتە زىغىر مېيى ئىستېمالىنىڭ كۆپىيىشى، قان بېسىمغا تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن، يەنە قان تومۇرنىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىنى كۈچەيتىشكىمۇ ياردىمى بارلىقى، بۇ ئارقىلىق يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياڭاق ئىستېمال قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلىتەلەيدىغانلىقىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ