چاچ مايلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

1081 2012-03-23 12:46:02   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      چاچ مايلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى
      1. ياغلىق، ئاچچىق تېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش ۋە كېچىسى تۈنەش: ياغلىق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە، ياغ بەزلىرىنىڭ ياغ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى كۈچەيتىپ، باش تېرىسىنىڭ مايلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇندىن باشقا، يەنە كېچىدە تۈنەشمۇ چاچنىڭ مايلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      2. باشنى بەك كۆپ ياكى بەك ئاز يۇيۇش: ھازىر كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىلىرى مەيلى چاچ پاكىز بولسۇن - بولمىسۇن، ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم، ياز كۈنلىرى ھەتتە ھەر كۈنى يۇيۇنۇشقا ئادەتلىنىپ قالدى. ئادەتتە تېرە يېغى ئۇچۇرغا ئاساسەن ئاجرىلىپ چىقىدۇ، چاچنى كۆپ يۇسا، باش تېرىسىدىكى ياغ يۇيۇلۇپ تۈگىگەندىن كېيىن، ياغ بېزى ‹ياغ كەملىك› ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ - دە، يەنە ياغ ئاجرىتىشقا باشلايدۇ، چاچنى قانچە كۆپ يۇيغانسېرى، ئاجرىلىپ چىقىدىغان ياغ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن باش تېرىسىنىڭ ياغ ئاجرىتىشى بارغانسېرى كۆپىيىپ، چاچ مايلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     3. چاچ سوپۇنى ۋە ئاسراش سۇيۇقلۇقىنى توغرا تاللىماسلىق: چاچنى نەمخۇش قىلىدىغان بەزى چاچ سوپۇنلىرىنىڭ چاچتىكى ماينى تۈگىتىش ۋە ماينى تىزگىنلەش ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس. بۇ خىل چاچ سوپۇنلىرىنىڭ چاچقا نەملىك تولۇقلاش رولى بولغاچقا، چاچتىكى ماينى تىزگىنلىيەلمەي، ئەكسىچە چاچنىڭ مايلىشىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
      ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
      1. چاچنى ئانچە - مۇنچە سۈزۈك سۇدا يۇيۇش: كۈندە يۇيۇپ ئادەتلەنگەن، شۇنداقلا چاچنى يۇمىسىلا مايلىشىدىغانلار چاچ سوپۇنى ئىشلەتمەي، پات - پات سۈزۈك سۇدا چېچىنى يۇيسا، ماينىڭ ئاجرىلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. چېچىنىڭ مايلىشىشى بەك ئېغىر بولمىغان كىشىلەر چېچىنى ھەپتىدە 3-2 قېتىم يۇيسا بولىدۇ.
      2. چاچ سوپۇننى توغرا تاللاش: ئەگەر چاچ بەك مايلىشىپ كەتكەن بولسا، ياغ تازىلاش ئۈنۈمى كۈچلۈك بولغان چاچ سوپۇنىنى تاللاپ ئىشلىتىش؛ چاچنى نەمخۇش قىلىدىغان چاچ سوپۇنىنى ئىشلەتمەسلىك؛ چاچ ئوتتۇراھال مايلاشقان بولسا، چاچ ئاسراش ۋە ياغ تىزگىنلەشتەك قوش ئۈنۈملۈك چاچ سوپۇنىنى ئىشلىتىش؛ چاچ يېنىك دەرىجىدە مايلاشسا، شۇنداقلا قۇرغاق بولسا، چاچقا ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ ئاسراش ئۈنۈمىگە ئىگە چاچ سوپۇنىنى ئىشلىتىش كېرەك.
      3. باشنى كۆپ ئۇۋۇلىماسلىق: گەرچە دائىم قول بىلەن باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن چېچى مايلىشىدىغانلار باشنى كۆپ ئۇۋۇلىسا، باش تېرىسىنىڭ ياغ ئاجرىتىشىنى كۈچەيتىپ، چاچنى تېخىمۇ مايلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر