قىزئاياللارغا پايدىلىق ئېسىل يىمەكلىكلەر

1587 2012-03-22 10:54:47   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      1. ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر: ناشتىدا ئىستىمال قىلغان يېمەكلىكلەر كەچتىكى كەيپىياتىڭىزنى بەلگىلىيەلىشى مۇمكىن. ناشتىلىقتا ئاقسىل كۆپ بولسا، تېنىڭىزنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى تولۇق تەمىنلىيەلەيدۇ. سۈت، سۈزمە ۋە تۇخۇم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى تاللاشتۇر.
      2. تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولغان يېمەكلىكلەر: ۋىتامىن B لار ئادەم تېنىنىڭ قەنتلەرنى ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. يىرىك گۈرۈچ، كۈنجۈت مېيى، كاشتان، ئاشپۇرچاق ۋە گۆش قاتارلىقلاردا ۋىتامىن B مول بولىدۇ.
      3. تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەر: جىنسىي ھەۋەس ئاساسلىقى چوڭ مېڭىنىڭ تۈۋىدىن يەنى مېڭە ئاستى بېزى )ھىپوفىز( دىن كېلىدۇ. جىنسىي تۇرمۇشتىن ئىلگىرى ۋىتامىن C مېڭە ئاستى بېزىگە تولۇپ تۇرىدۇ، جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن ۋىتامىن C سەرپ قىلىنىپ تۈگەيدۇ. ئاپېلسىن، كاللەكبەسەي، پەمىدۇر، تۇرۇپ، بەرەنگە، كۆك قىزىل مۇچلار، كاۋا قاتارلىقلاردا ۋىتامىن C مول بولىدۇ.
      4. شاكىلات: شاكىلاتتا ئالاھىدە بىر خىل تەركىب بار بولۇپ، نېرۋىنى غىدىقلاپ ئەزالارنىڭ سېزىمچانلىقنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە ئۇيىلىدىغان قىزلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شاكىلات ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ.
      5. سۇلۇ يارمىسى: سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدە ۋىتامىن B لار ۋە تالا ماددىلىرى مول بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ھەزىم قىلىش قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ؛ ۋىتامىن B لار يەنە بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، ئاياللارنى خۇشاللىقتىن قانغۇچە بەھرىمەن قىلىدۇ.
      تۇرپان شەھەرلىك چاتقال يېزا قاراغوجا كارىز مەكتەپتىن كېرەمجان ئىبراھىم تەمىنلىگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر