سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىكى بەش پەرىز

698 2012-03-22 10:53:28   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      1. قان ئېلىش ۋاقتى بەك كېچىكمەسلىك كېرەك
      سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىكى خىمىيىلىك ئانالىزنىڭ تەلىپى ئەتىگەن سائەت 7:30 دىن 8:30 غىچە بولغان ئارىلىقتا ئاچ قورساق ھالىتىدە قان ئېلىش، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 9:00 دىن ئېشىپ كەتمەسلىك بولىدۇ. بەك كېچىكسە بەدەندىكى فىزىيولوگىيەلىك ئىچكى ئاجراتما ھورمونلىرىنىڭ تەسىرىدىن قان شېكىرىنىڭ مىقدارىدا ئەينەنسىزلىك كۆرىلىدۇ.
      2. سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بۇرۇن يەۋاتقان دورىنى توختاتماسلىق كېرەك
      يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ھەر كۈنى سەھەردە بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق، قان بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دورىنى تۇيۇقسىزلا توختىتىپ قويسا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىپ خەتەر يۈز بېرىدۇ. دىئابېت كېسىلى ياكى باشقا ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللىك بىمارلىرىمۇ قان ئېلىش تۈگىگەندىن كېيىن ۋاقتىدا دورىسىنى يېيىشى، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش سەۋەبىدىن نورمال داۋالىنىش تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.
      3. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرلىرىدىن خالىغانچە ۋاز كەچمەسلىك كېرەك
      سالامەتلىك تەكشۈرتۈش جەدۋىلىدىكى بەزى تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ بەزى كېسەللىكلەرنىڭ بالدۇرراق بايقىلىشىدىكى رولى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن، مەقئەتكە قول تىقىپ تەكشۈرۈش 40 ياشتىن ئاشقان سالامەتلىك تەكشۈرتكۈچىلەرنىڭ تۈز ئۈچىيىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقاشتا ناھايىتى مۇھىم بولىدۇ.
      4. مۇھىم كېسەللىك تارىخىنى سۆزلەپ بېرىشكە سەل قارىماسلىق كېرەك
      مۇھىم كېسەللەرنىڭ كېسەللىك تارىخى دوختۇرلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتكۈچىلەرنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ئاساسى بولىدۇ. مەسىلەن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنى داۋالاشتىن بۇرۇن، كېسەللىكنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتى، داۋالىنىش جەريانى، دورا ئىشلىتىش ئەھۋالى قاتارلىق ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
      5. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك
      تەكشۈرۈش نەتىجىسى سالامەتلىك تەكشۈرتكۈچىلەرنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە خۇلاسىسى بولۇپ، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش، كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رولى بولىدۇ.
      تۇرپان ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكومىدىن نۇسىرەتگۈل ئۆمەر تەمىنلىگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر