ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەش: دۇفۇ تىرىپىدىن 21 كىلوگىرام، كىراخمالدىن 4 كىلوگىرام، ئۇندىن 1 كىلوگىرام، قۇم شېكەردىن 1.8 كىلوگىرام، تۇزدىن 100 گىرام، گۈنجۈتتىن 05 گىرام ئېلىپ، پۇرچاق سۈتىدىن1000-500 مىللىلىتىر قوشۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، گۆش توغراش ماشىنىسىدا يەنچىپ، ئاندىن يايما چۆپ شەكلىگە كەلتۈرۈپ، ھەر خىل شەكىلدە كېسىپ، ياغدا پىشۇرسىلا تەييار بولىدۇ. شارائىتى يار بەرمىسە، پۇرچاق سۈتىنى قوشماي تەييارلىسىمۇ بولىدۇ.
پۇرچاق تىرىپى پاراشوكى ياساش: پۇرچاق تىرىپىنى 15-10 مىنۇت ھوردا قىزىتىپ بىر تەرەپ قىلىپ مىكروبسىزلاندۇرۇپ، تېز سۈرئەتتە قۇرۇتۇپ، ئۇششاقلاپ ئىشلەپ پاراشوك تەييارلىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان پۇرچاق قاسراقلىرى چىقىرىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە سۇلياۋ خالتىلارغا ھىم قاچىلىنىپ ساقلىنىدۇ. پۇرچاق تىرىپى پاراشوكىنى گۆش نان، پېچىنە - پىرەنىك، سوغۇق يېمەكلىك، ئالاھىدە تەملىك يېمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: 4-3 ھەسسە سۇغا پۇرچاق تىرىپى پاراشوكى سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، بىر كېچە توختىتىپ، پاراشوكنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئاگار، قۇم شېكەر قاتارلىقلارنى قوشۇپ خام قىيما تەييارلاپ ھەم ئۇنى پىشۇرۇپ پىرەنىك قىيمىسى قىلسا بولىدۇ.
دۇفۇ تىرىپى بوغۇرسىقى ياساش: دۇفۇ تىرىپىدىن 21 كىلوگىرام، كىراخمالدىن 4 كىلوگىرام، ئۇندىن 1 كىلوگىرام، ئاق شېكەردىن 1 كىلوگىرام، تۇزدىن 100 گىرام، گۈنجۈتتىن 150 گىرام، پۇرچاق سۈتىدىن1000-500 مىللىلىتىر، تەييارلانغان گۆش قىيمىدىن 250 گىرام، كاۋاۋىچىندىن10 گىرام، سۇڭپىيازدىن 150 گىرام، سودا ياكى شۇلتىدىن150-80گىرام، زەمچىدىن 05 گىرام ئېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، دىيامېتىرىنى 2 سانتىمېتىردىن قىلىپ يۇمۇلاقلاپ، ياغدا 5 مىنۇت ئەتراپىدا سارغايغىچە پىشۇرۇش كېرەك. بۇ خىل بوغۇرساقتا دۇفۇ تىرىپىنىڭ تەمى بولمايدۇ، چۈرۈك ۋە يېيىشلىك بولۇپ، ئاقسىل ماددىسى %9.26ماي ماددىسى %10 بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ