پاتقاق گاز ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟

69 2012-03-21 12:22:49   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      بىرىنچى، پاتقاق گازى كۆلچىكىنىڭ ماتېرىيال كىرگۈزۈش ھەم ماتېرىيال چىقىرىش ئېغىزىغا ياپقۇچ يەنى قاپقاق بېكىتىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ كۆلچەككە چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
      ئىككىنچى، پاتقاق گازى كۆلچىكىگە ماتېرىيال سالغاندا، تەركىبىدە فوسفور مول ماتېرىياللارنى ۋە زەھەرلىك ماددىلار يەنى دېھقانچىلىق دورىلىرى، يۇيۇش بۇيۇملىرى، ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكى قاتارلىقلارنى كۆلچەككە سېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. شۇ ئارقىلىق زەھەرلىك گاز ھاسىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
      ئۈچىنچى، پاتقاق گازى كۆلچىكىگە سۇ قۇيۇپ بېسىمنى سىنىغاندا، سۇنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇش ئارقىلىق، كۆلچەكنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
      تۆتىنچى، پاتقاق گازى كۆلچىكىنىڭ گاز باشلاش تۇرۇبىسىنىڭ ئېغىزىغا ۋە ماتېرىيال چىقىرىش ئېغىزىغا ئوت يېقىپ گازنى سىناشقا قەتئىي بولمايدۇ. بولمىسا، ئوت كېتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كۆرۈلىدۇ؛
      بەشىنچى، پاتقاق گازى بىلەن تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئوچاققا ئوت ياققاندا، گازنىڭ ۋېكليۇچاتېلىنى بەك چوڭ ئېچىۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى شۇ ئارقىلىق ئوت بەك ئۇلغىيىپ كېتىپ، ئادەم زەخمىلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۆي ئىچىدە سېسىق تۇخۇم پۇرىغاندەك پۇراق پۇرىسا، دەرھال ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۆي ئىچىدىكى پاتقاق گازىنىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
      ئالتىنچى، بىر تەرەپتىن ماتېرىيال چىقىرىپ، بىر تەرەپتىن پاتقاق گازىنى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. بولمىسا، مەنپىي بېسىم شەكىللىنىپ، ئوت كېتىپ، پارتلاش كۆرۈلىدۇ؛
      يەتتىنچى، پاتقاق گازى كۆلچىكىگە چۈشۈپ كۆلچەكنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش ياكى پاتقاق داشقىلىنى تازىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، چوقۇم بىخەتەرلىك ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كۆلچەك ئىچىدە ئادەم تۇنجۇقۇپ قېلىش ياكى زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەرىكەتچان قاپقاقنى ئېچىپ، گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى ئېلىۋېتىپ، ماتېرىيال كىرگۈزۈش - چىقىرىش ئېغىزى قاتارلىق ئورۇنلار ئارقىلىق كۆلچەك ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش ياكى شامالدۇرغۇچ بىلەن پاتقاق گازى كۆلچىكىگە شامال كىرگۈزۈش ئارقىلىق كۆلچەك ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش لازىم. كۆلچەككە كىرگەن ئادەم مەشغۇلات داۋامىدا چوقۇم بىخەتەرلىك ئارغامچىسىنى مەھكەم باغلاشتىن سىرت، يەنە قولچىراغ ئىشلىتىشى، ھەرگىزمۇ سەرەڭگە، چاقماق قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەسلىكى، مەشغۇلات جەريانىدا سىرتتا چوقۇم بىر ئادەم قاراۋۇللۇق قىلىپ تۇرۇشى لازىم.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر