يېڭى تىپتىكى سۇلياۋ شەپكەر چوكىسىنى ياساش تېخنىكىسى

128 2012-03-19 11:06:06   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      يېڭى تىپتىكى سۇلياۋ كەپشەر چوكىسى ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان بىر قانچە خىل خىمىيە سانائەت خام ئەشياسىنى قىزىتىپ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، قول ئەمگىكى بىلەنلا ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، تېز قاتىدۇ، ماي ۋە سۇغا چىداملىق، قاتتىق ۋە زەھەرسىز، ئۈنۈمى يوقاش مەزگىلى بولمايدۇ، مەخسۇس كەپشەرلەش سايمىنى كەتمەيدۇ، سۇلياۋ بۇيۇملارنى ياساشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
      1. خام ئەشياسى: يۇقىرى بېسىملىق پولى ئېتىلېن 500 گىرام، ئېرىتكۈچى 500 گىرام، قاتتىقلىقىنى تەڭشىگۈچى 52 گىرام، رەڭ ماتېرىيالىدىن مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ.
      2. ياساش سايمانلىرى: 1 دانە جوزا، 1 دانە مەش، 1 دانە چۆيۈن قازان، 1 يۈرۈش تۆمۈر تەخسە، 1 دانە پىچاق، 1 دانە بۇلۇڭ ئۆلچىگۈچ
      3. ھۈنەر - سەنئىتى: ئاۋۋال ئېرىتكۈچ چۆيۈن قازانغا قۇيۇلۇپ، ئۈستىگە يۇقىرى بېسىملىق پولى ئېتىلېن قۇيۇلىدۇ، ئىلمان سۇدا ئىسىتىلىدۇ، داۋاملىق ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. يۇقىرى بېسىملىق پولى ئېتىلېن تەكشى ئېرىگەندىن كېيىن، قاتتىقلىقنى تەڭشىگۈچ قۇيۇلۇپ، يەنە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر رەڭلىك كەپشەر چوكىسى ئىشلىمەكچى بولسا، مۇۋاپىق مىقداردا رەڭ ماتېرىيالى قوشۇپ قىزىتىپ تۆمۈر تەخسىلىك قېلىپقا تۆكۈپ، ئازراق سوۋۇپ قېتىغاندىن كېيىن، قېلىپنىڭ بىر بېشىدىن باشلاپ بۇلۇڭ ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچەپ، پىچاق بىلەن چوكا شەكلىدە كېسىۋەتسىلا بولىدۇ. پۈتۈنلەي سوۋۇغاندىن كېيىن ئۇنى قۇرغاق، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا ساقلاش كېرەك.
      4. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بۇنىڭغا ھەرقانداق مەخسۇس كەپشەرلەش سايمىنى كەتمەيدۇ، پەقەت سەرەڭگە بىلەن سۇلياۋ كەپشەر چوكىسىنى كۆيدۈرسىلا، ھەر خىل سۇلياۋ بۇيۇملارنىڭ يېرىق - تۆشۈكلىرىنى يەملىگىلى بولىدۇ. ئەگەر سۇلياۋ بۇيۇمنىڭ تۆشۈكى كىچىكرەك بولسا، سۇلياۋ چوكىنى كۆيدۈرۈپ تۆشۈككە تېمىتىپ، سەل قاتقاندىن كېيىن پىچاق بىلەن قىرىپ ياساپ قويسىلا بولىدۇ. ئەگەر تۆشۈك چوڭراق بولسا، ئوخشاش رەڭدىكى بىر پارچە نېپىز سۇلياۋنى تاللاپ، سۇلياۋ چوكىنى كۆيدۈرگەندىن كېيىن، نېپىز سۇلياۋ ئۈستىگە ۋە تۆشۈك ئۈستىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېمىتىپ، ئېرىگەندىن كېيىن ياماپ تەكشىلەپ قويسا بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر