توخۇ فېرمىلىرىدا دائىم توخۇ مايىقى چىرىپ سېسىق پۇراق چىقىرىپ مۇھىتنى بۇلغايدۇ، پاشا - چىۋىنلەر يامراپ كېتىدۇ، بۇ ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى توخۇلاردىمۇ كېسەل پەيدا قىلىدۇ. توخۇ فېرمىسىدىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: فېرروزى سۇلفاتنى يىرىك يەنچىپ، ئۇنىڭغا يەنە پاكىزە تاسقالغان قۇرۇق كۆمۈر كۈلىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ (فېرروزى سۇلفات 7 ئۈلۈش، قۇرۇق كۆمۈر كۈلى 3 ئۈلۈش) توخۇ مايىقى ئۈستىگە ياكى يەرگە چېچىۋەتسە، توخۇ مايىقىنىڭ سېسىشىنى كونترول قىلىپ سېسىقچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنغان توخۇ مايىقىنى بېلىق يېمى ۋە ئوغۇت قىلغىلى بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ