ئۆپكە ياللۇغى
1. ئالامىتى: تەن تېمپېراتۇرىسى40 تىن ئاشىدۇ، بەزىدە يۆتىلىدۇ، بۇرنىدىن ماڭقا ئاقىدۇ، نەپەسلىنىشى تېزلىشىدۇ، تومۇرى تېز سوقىدۇ، خامۇشلىشىپ ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ.
2. سەۋەبى: بۇ كېسەل كالا توپا - چاڭلارنى سۈمۈرىۋالسا، دورا ۋە سۇ ئىچۈرگەندە كانىيىغا كىرىپ كەتسە ياكى زۇكام بولغاندا ئاسان پەيدا بولىدۇ.
3. داۋالاش: بېقىشنى ئالاھىدە كۈچەيتىش كېرەك. كالا ئۈستىگە ئەدىيال يېپىپ ئىسسىق ساقلىسا بولىدۇ. ئانتىبىيوتىك دورا ھەمدە سۇلفانىلامىد ياسالمىلىرى، فىزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيى ۋە گىلۇكوزا قاتارلىقلارنى ئۇرسا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
4. ئالدىنى ئېلىش: بېقىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەن ساپاسىنى ياخشىلاش كېرەك. قىشتا كالا تېنىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئۆپكە سىلى
1. ئالامىتى: دەسلەپكى مەزگىلدە ئالامىتى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، كېيىنچە كېسەل كالىدا كۈنسېرى ئورۇقلاش، بوشاش، يۆتىلىش، تۈكلىرى يىرىكلىشىپ پارقىراقلىقىنى يوقىتىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2. سەۋەبى: تۇبېركۇليوز باكتېرىيەسى نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقۇشتىن بولىدۇ.
3. داۋالاش: كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تۇبېركۇليوزغا قارشى دورىلاردىن رېموفون ، سترېپتومىتسىن قاتارلىقلار بار. لېكىن تۇبېركۇليوز كېسىلىنى داۋالاش ۋاقتى ئۇزۇن، چىقىمى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچلۈك يۇقۇملۇق بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى دەسلەپكى مەزگىلدىلا بوغۇزلاپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا زىيانسىزلاندۇرۇپ پايدىلىنىش كېرەك.
4. ئالدىنى ئېلىش: ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈزدە بىر قېتىمدىن تۇبېركۇليوز كارانتىنى قىلىش كېرەك. سىرتتىن كالا كىرگۈزگەندە ئالدى بىلەن ئايرىپ بېقىپ، 2-1 ئايدا 3 قېتىم كارانتىن قىلىپ، تۇبېركۇليوز ئەمەسلىكى ئېنىقلانغاندا توپقا قوشۇپ بېقىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ