كېسەللىك ئالامىتى: كېسەللەنگەن قوي، بولۇپمۇ قوزىدا ئاۋۋال ناماز شام قارىغۇسى كېسىلىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇستىخانلىرى نورمالسىزلىشىپ، ئېپتىلىيە ھۈجەيرىلىرى يىگىلەيدۇ. ئاخىرقى مەزگىلگە كەلگەندە قوزىدا كۆز قۇرۇش كېسىلى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، كۆز مۈڭگۈز پەردىسى قېلىنلايدۇ ۋە بۇلۇتسىمان ھالەتكە كېلىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: قوزىغا بېلىق يېغىنى ھەر قېتىمدا lm30~20 غىچە بىر قانچە قېتىم بېرىش كېرەك. ۋىتامىن A، ۋىتامىن D ئوكۇلىنى مۇسكۇلغا كۈندە 1 قېتىم، ھەر قېتىمدا lm4~2 غىچە ئۇرۇش كېرەك. كۈندىلىك ئوزۇقىغا يېشىل يەم - خەشەك ۋە بېلىق يېغى قوشۇپ بەرسە، داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ