ياۋا ئوت - چۆپلەر ياكى تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن ئوت - چۆپلەر بولسۇن، ھەممىسىنىلا مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئورۇۋېلىش كېرەك. بەك بالدۇر ئورۇۋالسا، ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن گەرچە سۈپىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن مەھسۇلاتى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. بەك كېچىكىپ ئورۇلسا، ئوت - چۆپلەر قېتىپ ھەم يىرىكلىشىپ، تېتىمچانلىقى ناچارلاپ كېتىدۇ، ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، يەنى تەركىبىدىكى ۋىتامىن ۋە يىرىك ئاقسىل ئازىيىپ، يىرىك تالا كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا ئوت - چۆپلەرنى قايسى ۋاقىتتا ئورۇۋالسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟ سامان غوللۇقلار ئائىلىسىدىكى ئوت - چۆپلەرنى باشاق تارتقاندىن باشلاپ چېچەكلىگىچە، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئوت - چۆپلەرنى چېچەكلەشكە باشلىغاندىن باشلاپ، بولۇق چېچەكلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئورۇۋالسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئورۇۋېلىنغان ئوت - چۆپلەرنى قۇرۇتقاندىن كېيىن ھەم سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ھەم مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ. قۇرۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ توغرا بولۇش - بولماسلىقى قۇرۇق ئوت - چۆپنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى - ناچار بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئىككى باسقۇچ بويىچە قۇرۇتۇش كېرەك. بىرىنچى باسقۇچتا يېشىل ئوت - چۆپنىڭ نەپەسلىنىشىنى توختىتىپ، ھۈجەيرىلىرىنى تېزلىكتە ئۆلتۈرۈش ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ خورىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئوت - چۆپلەرنى كۈچلۈك ئاپتاپقا نېپىز يېيىتىش كېرەك. 5-4 سائەت ئاپتاپقا سالغاندىن كېيىن، ئوت - چۆپلەر تەركىبىدىكى سۇ تېزلىكتە پارلىنىپ كېتىدۇ؛ ئىككىنچى باسقۇچتا قۇرۇتۇشنى تېزلىتىپ، ئېنزىم تۈرىدىكىلەرنىڭ پائالىيىتىنى تېز توختىتىش ھەمدە ئامال بار كۈچلۈك ئاپتاپنىڭ كاروتىننى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىنى ئازايتىش كېرەك. شۇڭا، بۇ باسقۇچتا ئوت - چۆپلەرنى كىچىك دائىرىدە دۆۋىلەش ياكى قىرلاپ ئاپتاپقا سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قۇرۇتۇش كېرەك. لاپاس ئىچىدە تېز سۈرئەتتە شامالدىتىپ قۇرۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ. سۇ تەركىبى %15~%14 كە چۈشكەندە ساقلاشقا بولىدۇ. بۇنداق قۇرۇتۇلغان ئوت - چۆپنىڭ رەڭگى يېشىل بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ خورىشى ئاز، سۈپىتى ياخشى بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ