سودانىڭ باقمىچىلىقتىكى رولى

90 2012-03-14 12:50:43   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      سودا بىر خىل يېمەكلىك خۇرۇچى بولۇپ، خىمىيەلىك ئاتىلىشى ناترىي بىكاربونات، ئۇ باقمىچىلىقتا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.
      1. دېزىنفېكسىيە قىلىش: %10 لىك سودا سۈيىنى قوتان ۋە قوتان ئەتراپىغا پۈركۈسە، دېزىنفېكسىيەلەش رولىنى ئوينايدۇ.
      2. سىرتتىن ئىشلىتىش: ئادەتتە چارۋا ماللار زەخىملەنسە ياكى كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى ياللۇغلىنىپ قالسا، %1 لىك سودا سۈيىدە كۈندە 1 قېتىمدىن ئۇدا نەچچە كۈن چايقاپ بەرسە، مەنپەئەت قىلىدۇ.
      3. يەم - خەشەك تەڭشەش: ئادەتتە قاتتىق شاخ - شۇمبىلارنى سودا سۈيىدە ئىشقارلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن چارۋىلارغا بەرسە، ئوڭاي ھەزىم بولىدۇ، تېتىمچانلىقى ئاشىدۇ. ئۇسۇلى: قاتتىق شاخ - شۇمبىلارنى توغراپ، %1 لىك سودا سۈيىنى تەكشى پۈركۈپ، بىر كېچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئىشلەتسە بولىدۇ.
      4. ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش: ئادەتتە چارۋا ماللارنىڭ ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماي ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالسا، يەم - خەشىكىگە مۇۋاپىق مىقداردا سودا ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە، ھەزىم قىلىشىنى ياخشىلايدۇ. ئۇسۇلى: ئات، كالا يەم - خەشىكىگە ھەر قېتىمدا g60-20 دىن كۈندە 2 قېتىم قوشۇپ بېرىشنى ئۇدا بىرنەچچە كۈن داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. قويلارنىڭ يەم - خەشىكىگە ھەر قېتىمدا g5~2 دىن كۈندە 2 قېتىم قوشۇپ بېرىشنى ئۇدا بىرنەچچە كۈن داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
      5. زەھەر قايتۇرۇش: چارۋا ماللار تەركىبىدە فوسفور بار دېھقانچىلىق دورىلىرىنى يەۋالسا، تېنىگە تۆكۈلۈپ كەتسە ياكى يەم - خەشەكتىن زەھەرلەنسە، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى سودا سۈيىنى ئىچۈرۈش ياكى دورا تۆكۈلگەن جاينى سودا سۈيىدە يۇيۇپ بېرىش كېرەك.
      6. بەلغەم بوشىتىپ يۆتەل توختىتىش: چارۋا ماللار يۆتىلىپ، دېمى سىقىلسا، ئوت - چۆپكە مۇۋاپىق مىقداردا سودا قوشۇپ بېرىش كېرەك. ئۇسۇلى: قويغا ھەر قېتىم g5~2 دىن كۈندە 2 قېتىم، ئۇدا بىرنەچچە كۈن ئىشلەتسە بولىدۇ. ئات، كالىغا ھەر قېتىم g60~20 دىن كۈندە 2 قېتىم، ئۇدا بىرنەچچە كۈن ئىشلەتسە بولىدۇ.
      7. سەمرىتىش: كالا، قوي قاتارلىق چارۋا ماللارنىڭ يەم - خەشىكىگە مۇۋاپىق مىقداردا سودا قوشۇپ بەرسە، يەم - خەشەكتىن پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر