بىرىنچى خىل خاتا قاراش: رولى كۆپ خىل ئانتىبىيوتىكلار رولى بىر خىلنىڭكىدىن ياخشى، دەپ قاراش. ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلىتىشتىكى پىرىنسىپ: رولى بىر خىل ئانتىبىيوتىك ئىشلەتكەندە، رولى كۆپ خىلنى ئىشلەتمەسلىك. ئاجىزنى ئىشلەتكەندە كۈچلۈكنى ئىشلەتمەسلىك، كۈچلۈكنى ئىشلەتكەندە ئاجىزنى ئىشلەتمەسلىك، بىر خىللا دورا ئىشلىتىپ داۋالىغىلى بولىدىغانلىرىغا بىر خىل دورا ئىشلىتىپ، ئىككى خىلنى ئىشلەتمەسلىكتۇر. چارۋىلارنىڭ يۇقۇملىنىشى يېنىك بولسا ئادەتتە بىرلەشمە ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزمنى جەزىملەشتۈرەلمىگەندە رولى كۆپ خىل ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر، كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار ئېنىق بولسا، ئەڭ ياخشىسى رولى بىر خىل ئانتىبىيوتىكلار )تەسىرى كۈچلۈك دورىلار( نى ئىشلىتىش كېرەك. بولمىسا، ئوڭايلا باكتېرىيەنىڭ ئانتىبىيوتىك دورىغا تاقابىلچانلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
ئىككىنچى خىل خاتا قاراش: ئاتالمىش ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلارغا ئاسانلا ئىشىنىش. ھەربىر خىل ئانتىبىيوتىك دورىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. يېڭى چىققان ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى كونا ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ دورىغا تاقابىلچانلىقى پەيدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن ياساپ چىقىلغان. ئەگەر كونا ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ ئۈنۈمى بولسا، كونىسىنى ئىشلىتىش كېرەك. ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلەتكەندە چوقۇم دورا مىقدارى ۋە داۋالاش باسقۇچىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خالىغانچە مىقدارىنى كۆپەيتمەسلىك كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىش باسقۇچى بويىچە ئىشلەتمەسلىك ئەھۋالىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. باقمىچىلار كۆپ ھاللاردا ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىپ بىر كۈندىن كېيىن ھايۋانلارنىڭ سىرتقى ھالىتىگە ئاساسەن ساقايدى، دەپ قاراپ، دەرھال دورىنى توختىتىدۇ. نەتىجىدە، كېسەل مەنبەسى بولغان باكتېرىيەنى تەلتۆكۈس ئۆلتۈرمەي، كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھەم باكتېرىيەدە دورىغا تاقابىلچانلىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
ئۈچىنچى خىل خاتا قاراش: ھەر خىل مۇرەككەپ رېتسېپلىق دورىلارنى قانچە كۆپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە، شۇنچە ياخشى، دەپ قاراش. ھازىر ئانتىبىيوتىك دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە دورىگەرلىك بىلىمىگە ئىگە بولۇش كېرەك. بولمىسا، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرمەيلا قالماي، داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا ئەكس تەسىر كۆرۈلىدۇ ياكى باكتېرىيەلەردە دورىغا تاقابىلچانلىق پەيدا بولىدۇ. بىرلەشتۈرۈلىدىغان دورىنىڭ تۈرى كۆپ بولغانسېرى ئەكس تەسىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. دورىغا تاقابىلچانلىق ۋە ئەكس تەسىر پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر خىللا ئانتىبىيوتىك دورىنى ئشىلىتىپ داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەللەرگە ھەرگىز ئىككى خىل دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ