باقمىچىلىق دېزىنفىكسىيە دورىلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

21 2012-03-14 12:47:38   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      1. ناترىي ھىدروكسىد HOaN (كۆيدۈرگۈچى ئىشقار) بۇ ئاق رەڭلىك قاتتىق جىسىم بولۇپ، باكتېرىيە، سىپورا ۋە ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. %5-%2 لىك قىزىق كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئېرىتمىسى كۆپىنچە ۋىرۇسلۇق يۇقۇملۇق كېسەل (توخۇ ۋاباسى قاتارلىقلار)بىلەن يۇقۇملانغان قوتان ۋە كاتەكلەرنى دېزىنفېكسىيەلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. %2 لىك HOaN ئېرىتمىسى بىلەن %5 لىك ھاك تاش ئېرىتمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. HOaN نىڭ چىرىتىش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك، شۇڭا ئۇنى ئىشلەتكەندە ئادەم ۋە چارۋىلارغا زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قوتان - كاتەكلەرنى دېزىنفېكسىيەلەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە پاكىز سۇدا يۇيىۋېتىش كېرەك.
      2. كالىي پېرمانگانات (مارگانسوپ) كۈچلۈك ئوكسىدلاش دورىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بولغاندىن باشقا، يەنە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. %50-%10 لىك ئېرىتمە بىلەن چارۋا ماللارنىڭ ياللۇغلانغان ئېغىز بوشلۇقى، بالىياتقۇسى ۋە جىنسىي غىلىپىنى دېزىنفېكسىيە قىلغىلى ھەمدە ئىچىملىك سۈيىگە قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق ھەزىم يوللىرىدىكى كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
      3. فورمالدېھىد ئېرىتمىسى (فورمالىن) رەڭسىز، غىدىقلىغۇچى ۋە ئۇچۇچان سۇيۇقلۇق بولۇپ، مىكروب ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى. ئۇ مىكروب، ۋىرۇس ۋە پارازىت قۇرتلارنىڭ تۇخۇمى ۋە لىچىنكىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. قوتان، سايمانلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا %5-%3 لىك فورمالدېھىد ئېرىتمىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ دورىنىڭ غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىشلەتكەن ۋاقىتتا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىسلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بۇلغانغان قوتان ۋە كاتەكلەرنى دېزىنفېكسىيەلىگەندە، ھەر m3 بوشلۇقنى lm41 فورمالدېھىد بىلەن g7 مارگانسوپنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىسلاپ، ئىشىك - دېرىزىلەرنى 10 مىنۇت ھىم ئېتىپ قويسىلا بولىدۇ.
      4. كرېزول ساپوناتۇس ئېرىتمىسى (لىزول) بۇ قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك سۈزۈك، مايلىق ئېرىتمە بولۇپ، مىكروب ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى ئاجىز. %5-%3 لىك لىزول قوتان، كاتەك، سايمان ۋە چارۋىلارنىڭ چىقىرىندىلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. %3-%1 لىك لىزول بىلەن چارۋا ماللارنىڭ يارىلىرىنى يۇيۇپ دېزىنفېكسىيەلىگىلى بولىدۇ. بۇ ئېرىتمە سەل قىزدۇرۇلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
      5. ھاك تاش ئېرىتمىسى gk8 خام ھاكقا gk15 سۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرسا %21 لىك ھاك تاش ئېرىتمىسى تەييار بولىدۇ. بۇ ئېرىتمە بىلەن قوتان ۋە كاتەكلەرنىڭ تېمى، ھەرىكەت مەيدانلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەشكە بولىدۇ.
      6. ئوت - چۆپ كۈلى ئېرىتمىسى بۇ مىكروب ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئېرىتمە بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى مۇنداق: يېڭى ئوت - چۆپ كۈلىگە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 1 سائەت قايناتقاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىنىدۇ. %30 لىك قىزىق ئوت - چۆپ كۈلى سۈيى بىلەن توخۇ كاتىكى ۋە سايمانلارنى دېزىنفېكسىيەلىسىمۇ بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر