قوي يۇتقۇنچاق ياللۇغى بوغۇز ياللۇغى ياكى بادام بەز ياللۇغى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى، يۇتقۇنچاق شىلىمشىق پەردىسى، يۇمشاق تاڭلاي، بادام بەز ۋە چوڭقۇر قاتلام توقۇلمىلار ياللۇغىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
كېسەل سەۋەبى:
1. بىرلەمچى كېسەل سەۋەبى. مېخانىكىلىق، ئىسسىقلىق تەسىرى ۋە خىمىيەلىك غىدىقلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ؛ سوغۇق ئۆتۈش، زۇكام بولۇش، ئورگانىزىمنىڭ قوغداش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، پاستېرېللا تاياقچە باكتېرىيەسى، نېكرو باتسىللا ۋە سالمونېللا باكتېرىيەسى قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
2. ئىككىلەمچى كېسەل سەۋەبى. ئېغىز ياللۇغى، قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، كېكىردەك ياللۇغى، تارقىلىشچان زۇكام، كۆيدۈرگە، پاستېرېللا تاياقچە باكتېرىيە كېسىلى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: كېسەللەنگەن قوي بوينىنى سوزىدۇ، يېمەكلىك يۇتۇشى قىيىن بولىدۇ، شۆلگىيى ئاقىدۇ، قۇسىدۇ، بۇرنىدىن سۇيۇقلۇق ۋە يېمەكلىك تىرىپلىرى ئېقىپ چىقىدۇ. يۇتقۇنچاقنى تەكشۈرگەندە قوي ئاغرىقسىنىپ، تىنچسىزلىنىدۇ ھەم يۆتىلىدۇ. كۆنەكسىمان توقۇلما ۋە كرۇپورلۇق يۇتقۇنچاق ياللۇغى كۆرۈلۈپ، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. گەرچە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىدا كېسەللىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن يۇتقۇنچاق قىسمى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر يېنىك بولىدۇ.
دىياگنوز قويۇش: يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالامىتى كۆپ ھاللاردا جىددىي قوزغىلىدۇ ۋە جايلىق ئورۇن ئاغرىيدۇ. پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا، دىياگنوز قويۇش ئانچە تەس ئەمەس.
ئالدىنى ئېلىش: بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا سوغۇق تېگىپ زۇكامداشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بېقىشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە كېسەل باكتېرىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش كېرەك.
داۋالاش:
1. كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۇتقۇنچاققا ئالدى بىلەن سوغۇق ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەر كۈنى 4-3 قېتىم، ھەر قېتىمدا20-30 مىنۇت داۋاملاشتۇرسا ياكى كامفورا ئىسپىرتى، ئىختىئول مەلھىمى ياكى ئاغرىق پەسەيتىپ، ياللۇغ قايتۇرىدىغان مەلھەم دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
2. ئېغىر يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى داۋالاشتا، %10 لىك ناترىي سالىتسىلات ئېرىتمىسىدىن lm20~10 نى سوقماس تومۇرغا ئۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېنسىلىن(青霉素)دىن 800 مىڭدىن 1 مىليون 600 مىڭ بىرلىكنى كۈندە 2 قېتىمدىن ئۇدا 5-4 كۈن مۇسكۇلغا ئۇرسا ياكى %250 لىك پروكايىن ئېرىتمىسى ۋە پېنسىلىندىن 400 مىڭدىن 800 مىڭ بىرلىكنى ئىشلىتىپ قامال قىلىپ داۋالىسا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
3. سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى داۋالاشتا، جايلىق ئورۇنغا رۇگېس ئېرىتمىسىنى سۈرۈپ، ئۇنىڭغا سۇلفانامىد تۈرىدىكى دورا ۋە ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ