كېسەل ئالامىتى: كېسەللەنگەن توخۇنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولمايدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، پەيلىرى پاخپىيىپ، سۆڭىكى يۇمشاپ ئىگىلىپ قالىدۇ. يۇمشاق قوۋۇرغىسى بىلەن قاتتىق قوۋۇرغىسى تۇتاشقان جايدا يۇمۇلاق ۋە قاتتىق تۈگۈنچەك پەيدا بولۇپ، كۆكرىكىنىڭ ئىككى يېنى چوقچىيىپ چىقىپ قالىدۇ. ئېغىرلاشقاندا تۇمشۇقى يۇمشاپ، يەم يېيىشى قىيىنغا چۈشىدۇ. يېتىلگەن توخۇنىڭ پۇتلىرى قاتتىق ئاغرىپ ئورنىدىن تۇرالماي قالىدۇ، چۈجىلىرىنىڭ ئىككى پۇتى ئىگىلىپ يايسىمان ياكى X شەكىللىك بولۇپ، ئومۇرتقا تۈۋرىكى ئىگىلىپ كېتىدۇ. تۇخۇم توخۇلىرىنىڭ تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، تۇخۇم شاكىلى نېپىزلاپ، ئارقىدىنلا يۇمشاق شاكاللىق تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇم ئېقىمۇ دۇغلىشىپ كېتىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش:
1) توخۇلارنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقىنى تەڭشەشتە، توخۇنىڭ ئوزۇقلۇق ئۆلچىمى بويىچە، يېمىدە يېتەرلىك مىقداردا كالتسىي، فوسفور ۋە ۋىتامىن 3D بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئەڭ ياخشىسى ئوزۇقلۇق قىممىتى تولۇق تەڭشەلگەن يەم بىلەن بېقىش كېرەك.
2) توخۇخانىغا يېتەرلىك مىقداردا كۈن نۇرى چۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادەتتە كۈندە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 16 سائەت ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. كۈن نۇرى يېتەرلىك بولمىسا، چىراغ يېقىپ يورۇتسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىقداردا قۇم بېرىش ئارقىلىق، يەمنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
3) توخۇلارغا تەركىبىدە ۋىتامىن 3D كۆپرەك بولغان يېشىل يەم - خەشەك ياكى سىلوسنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن: كۆكتات يوپۇرمىقى، سەۋزە قاتارلىقلار.
داۋالاش:
1) كېسەل توخۇنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال كۈندىلىك يەم تەركىبىدىكى كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ نىسبىتىنى تەڭشەش كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ كۈندىلىك يەمدىكى مىقدارى مۇنداق بولىدۇ: چۈجىنىڭ %90،ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى توخۇنىڭ %11، تۇخۇم توخۇلىرىنىڭ %53-%13، گۆش توخۇسىنىڭ %90 ئەتراپىدا بولسا، كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ نىسبىتى چۆجىنىڭ 21:1، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى توخۇنىڭ 23:1، تۇخۇم توخۇسىنىڭ 7:1 بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇندىن باشقا، يەنە يەمگە مۇۋاپىق مىقداردا خۇرۇچ قوشۇش ئارقىلىق، يەمدىكى تۈرلۈك مىنېرال ماددا ۋە ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ ۋىتامىن 3D ياكى بېلىق مېيى قوشۇپ بەرسە، كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە ھەر gk1 يەمگە 23 مىڭ خەلقئارا بىرلىك ۋىتامىن 3D قوشسا ياكى ھەر كۈنى ھەربىر توخۇغا lm2~1 بېلىق مېيى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ.
2) كېسىلى ئېغىرلىرىغا ۋىتامىن 3D ئوكۇلىنى تېرە ئاستىغا ئۇرسا بولىدۇ. توخۇنىڭ ھەر gk1 ئېغىرلىقىغا 10- 6 مىڭ خەلقئارا بىرلىكتىن توغرىلاپ، ھەر 5-3 كۈندە 1 قېتىمدىن ئۇدا 3-2 قېتىم ئۇرسىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ كالتسىي دورىسىنى ئىچۈرسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ