ئەتىياز ئەتىيازدا ھاۋا ئىللىق، كۈن نۇرى يېتەرلىك بولغاچقا، چىشى توشقاننىڭ جىنسىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۈيلەش قېتىم سانى كۆپ، ئۇرۇقلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. كۈيلەش نىسبىتى %90-%80 كە، بوغاز بولۇش نىسبىتى %95-%85كە يېتىدۇ. ھەربىر ئۇۋىدا ئۇتتۇرا ھېساب بىلەن 8 نى بۆجەنلەيدۇ. شۇڭا، ئەتىياز پەسلى ئۆي توشقىنىنى كۆپەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ، 2 قېتىم ئۇرۇقلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ياز ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىق، نەملىك يۇقىرى بولغاچقا ئۆي توشقىنىنىڭ ئوزۇقلىنىش مىقدارى ئازىيىپ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ. ئەركەك توشقاننىڭ ئىسپېرمىسىنىڭ سۈپىتى ناچارلاپ، چىشى توشقاننىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، ئۇرۇقلىنىش نىسبىتى ۋە بۆجەنلەش سانى تۆۋەنلەيدۇ. چىشى تۇشقاننىڭ كۈيلەش نىسبىتى %50-%20،ئۇرۇقلىنىش نىسبىتى %40-%30 بولۇپ، ھەربىر ئۇۋىدا ئۇتتۇرا ھېساب بىلەن 5~3 نى بۆجەنلەيدۇ. شۇڭا، ياز پەسلىدە توشقانلارنى ئۇرۇقلاندۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىش كېرەك. ئەگەر باقمىچىلىق مەيدانى (ئائىلىسى) نىڭ شارائىتى ياخشى بولۇپ، ئىسسىقتىن قوغدىنىش ئەسلىھەلىرى بولسا ھەمدە تېمپېراتۇرىنى28 تىن تۆۋەن دائىرىدە كونترول قىلالىسا، شۇنداقلا ئەركەك توشقاننىڭ تەن ساغلاملىقى ياخشى بولسا، مۇۋاپىق ئۇرۇقلاندۇرسا بولىدۇ.
كۈز كۈز پەسلىدە ھاۋا بىرقەدەر ئىللىق، يەم - خەشەكلەرمۇ مول ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، ئۆي توشقىنىنىڭ تەن سۈپىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ. ئەركەك توشقاننىڭ جىنسىي ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ئىسپېرمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشىدۇ. چىشى توشقاننىڭ كۈيلەش، ئۇرۇقلىنىش نىسبىتى ۋە بۆجەنلەش سانى يۇقىرىلايدۇ. كۈيلەش نىسبىتى %80-%75، ئۇرۇقلىنىش نىسبىتى %80~%70بولىدۇ، ھەربىر ئۇۋىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7-6 نى بۆجەنلەيدۇ. شۇڭا كۈز پەسلىمۇ ئۆي توشقىنىنى ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلسا 2 قېتىم بۆجەنلەتكىلى بولىدۇ.
قىش قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق، كۈن نۇرى يېتەرسىز ۋە ئوت - چۆپلەر كەمچىل بولغاچقا، توشقانلارنىڭ تەن ساپاسى تۆۋەنلەيدۇ. ئەركەك توشقاننىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ. ئەمما ئىسپېرمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە زىچلىقى نورمال بولىدۇ. چىشى توشقاننىڭ كۈيلەش نىسبىتى %70-%60، ئۇرۇقلىنىش نىسبىتى %60-%50بولىدۇ. ھەربىر ئۇۋىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7-6 نى بۆجەنلەيدۇ. ئەگەر قىش پەسلىدە يېشىل يەم - خەشەكلەر يېتەرلىك ھەمدە ئىسسىق ساقلاش ئەسلىھەلىرى ياخشى بولسا، ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۈنۈمى يەنىلا ياخشى بولىۋېرىدۇ. ئادەتتە، قىش پەسلىدە كۆپەيتىلگەن بۆجەنلەر ساغلام، يۇڭلىرى قويۇق، كېسەلگە تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر قىشتا ئەلا نەسىللىك توشقانلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئۇرۇقلاندۇرمىسا، ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئەتىيازدىكى ئۇرۇقلاندۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ
ھەمبەھىرلىنىڭ