باي بۇلۇش يولىنى قانداق تاللاش كېرەك ؟

88 2012-03-01 11:02:03   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      1. جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكتىن پايدىلىنىپ، ئۆز جايىدىن ‹ماتېرىيال تاللاش›: تاغلىق رايون بولسا دىققەت - نەزىرىنى »تاققا قويۇش«؛ دەريا ۋە كۆل بويلىرىدا بولسا، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىشىش كېرەك. مەيلى تېرىقچىلىق ياكى باقمىچىلىق بولسۇن، ئۆز جايىنىڭ ھاۋا كىلىماتى، تۇپرىقى ۋە مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئوبدان ئويلىشىش، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئىش كۆرۈش، مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، يىراق - ياقا جايلاردا قاتىراپ يۈرمەسلىك كېرەك، چۈنكى باش قاتۇرسا ۋە تىرىشسا، ئۆز يۇرتىدىمۇ بېيىش يولىنى تاپقىلى بولىدۇ.
      2. تېخنىكا ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش: مەيلى ياغاچچى ياكى تامچى بولسۇن، ئۆزىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرسىلا چوقۇم بېيىپ كېتەلەيدۇ.
      3. كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا قاراپ مېڭىش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش: دەسلىپىدە ئىشنى كىچىك تىجارەتتىن، ئاز مەبلەغ سېلىشتىن، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى باققاندىمۇ ئازراق بېقىشتىن باشلاش، قولغا ئازراق پۇل كىرگەندە ھەمدە بەزى تەجرىبىلەرنى توپلىغاندا، ئاندىن چوڭراق تۇتۇش قىلىش، باشقىلار بىلەن قارىغۇلارچە بەسلەشمەسلىك، يەڭگىللىك بىلەن مەبلەغ سالماسلىق كېرەك.
      4. ئۇچۇر ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش: ئىقتىساد ۋە پەن - تېخنىكا ئۇچۇرلىرىغا دائىر گېزىت - ژۇرناللارنى كۆپرەك كۆرۈش، توردىن ئۇچۇر ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش، باي بولۇش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا، توغرا ئىگىلەش كېرەك. يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىنىش، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلمىي ئۇسۇلدا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. كۆپرەك باش قاتۇرۇپ، بازاردىكى تەمىنلەش - ئېھتىياج ئەھۋالىنى ياخشى ئانالىز قىلىش، ھەقىقىي ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارغا تايىنىپ تىجارەت يولىنى تاللاش كېرەك. ‹باشقىلاردا يوق تاۋار› نى ئىشلەپچىقىرىش، باشقىلارنىڭكىدىن سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر