چوقۇشقاقلىق توخۇدىكى بىر خىل ناچار ئادەت بولۇپ، چۈجىلەردىمۇ، يېتىلگەن توخۇلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە توخۇلار زىچ بېقىلغان شارائىتتا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. چوقۇشقاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان توخۇلارنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىدۇ، گۆش توخۇسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلايدۇ، تۇخۇم توخۇلىرىنىڭ تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. چوقۇشقاق كېسىلى پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
ئوزۇقلۇق جەھەتتە:
1) ئاقسىل يېتىشمەسلىك ۋە كۈندىلىك ئوزۇقىدا ئامىنو كىسلاتاسى تەڭپۇڭسىز بولۇش. بۇ ماددىلار كەم بولسا، توخۇ پېيىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە بەلگىلىك تەسىر يېتىپ، توخۇلاردا چوقۇشقاق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2) مىنېرال ماددىلار كەمچىل بولۇش. توخۇلارنىڭ كۈندىلىك يېمىدە مىنېرال ماددىلار (كالتسىي، فوسفور، خلور، ناترىي) ياكى مىكرو مىقدارلىق ماددىلار (تۆمۈر، مىس، سىنك، مانگان، سىلتسىي، يود، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار)كەمچىل ياكى نىسبىتى تەڭپۇڭسىز بولسا، ئورگانىزمنىڭ بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي، ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىپ، توخۇلاردا پەي چوقۇش، مەقئەت چوقۇش، تۇخۇم چوقۇش قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ.
3) يىرىك تالا كەمچىل بولۇش. يىرىك تالا بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، توخۇدا، بولۇپمۇ چۆجىدە ھەزىم قىلىش يوللىرى توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ؛ يىرىك تالا ئاز بولسا، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ياخشى بولماي، ئاچلىق سېزىمى پەيدا بولۇپ، مەقئەت چوقۇش، پەي چوقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4) ۋىتامىنلار كەمچىل بولۇش. ۋىتامىن A، ۋىتامىن 1B، ۋىتامىن 3B، ۋىتامىن 12B قاتارلىقلار كەمچىل بولسىمۇ چوقۇشقاق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بېقىش ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە:
1) توخۇخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى ياكى ھاۋا ئالماشتۇرۇشى ياخشى بولمىسا، توخۇ تېنىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىللە 02C قاتارلىق زىيانلىق گازلار كۆپىيىپ، توخۇ تېنىدىكى فىزىيولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، توخۇ تىنچسىزلىنىپ چوقۇشقاق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2) بېقىش زىچلىقى ۋە نەملىك يۇقىرى بولسا، توخۇلارنىڭ دېمى سىقىلىپ بىئارام بولىدۇ. نەملىك تۆۋەن، ھاۋا قۇرغاق بولسىمۇ چوقۇشقاق كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.
3) قۇياش نۇرى كۈچلۈك ھەم مۇۋاپىق بولمىسا، بولۇپمۇ تۇخۇم تۇغۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۈچلۈك نۇر توخۇنىڭ مەقئىتىگە چۈشسە، مەقئەت تارىيىپ، قىل قان تومۇرلاردىن قان چىقىپ، چوقۇشقاق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4) خوراز بىلەن مېكىياننى، ئاجىز بىلەن كۈچلۈكنى ياكى چوڭ، كىچىك، ھەر خىل رەڭدىكى توخۇلارنى بىللە باقسا، چوقۇشقاق كېسىلى ئاسان پەيدا بولىدۇ.
5) بېقىش ۋاقتى مۇۋاپىق بولماسلىق. يەم بېرىش مىقدارى ياكى سۇ ئىچىشى يېتەرلىك بولمىسا ياكى تۇخۇم تۇغۇش ساندۇقى مۇۋاپىق بولمىسا، توخۇلاردا بىر - بىرىنى چوقۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى:
1) ۋاقتىدا تۇمشۇقىنى كېسىش. ئادەتتە چۈجىلەر 9-6 كۈنلۈك بولغاندا بىرىنچى قېتىم تۇمشۇقىنى كېسىپ، 70 كۈنلۈك بولغاندا يەنە بىر قېتىم كېسىش كېرەك. كاتەككە سېلىشتىن تارتىپ تۇخۇم تۇغقىچە بولغان ئارىلىقتا بەزى توخۇلارنىڭ تۇمشۇقى ئۇزىراپ كەتسە، يەنە بىر قېتىم كېسىش كېرەك. تۇمشۇقىنى كېسىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن يېمىگە ۋىتامىن K، ئېلېكتىرولىزلىق كۆپ ۋىتامىن ۋە ئانتىبىيوتىكلارنى قوشۇش كېرەك.
2) يېمىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى ئاقسىللىق يەملەرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، بېلىق پاراشوكى قاتارلىق ھايۋانات تۈرىدىكى ئاقسىللىق يەملەرنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ ۋە مۇۋاپىق مىقداردا كېپەك قاتارلىق يۇقىرى تالالىق يەملەرنى كۆپەيتىپ، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى قوشۇش كېرەك.
3) توخۇ توپىنىڭ زىچلىقىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر كىۋادرات مېتىر يەردە بېقىلىدىغان يېتىلگەن توخۇ 13 دانەدىن ئاشماسلىقى كېرەك. كۈچلۈك كۈن نۇرىدىن ساقلاش، ۋاقتىدا سۇغىرىش ۋە شامالدىتىش، ئوزۇقلۇقى مول بولغان يەملەرنى بېرىش كېرەك.
4) توخۇخانىغا سۈپىتى ياخشى سېلىنچىلارنى سېلىش، ئاجىز - كۈچلۈكلىرىنى ئايرىپ بېقىش، قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن تۇتۇش، توخۇخانىغا قۇم تۆكۈپ بېرىش كېرەك.
داۋالاش تەدبىرلىرى:
1) توخۇ توپىنى قەرەللىك كۆزىتىپ، چوقۇلانغان توخۇنى ۋاقتىدا شاللىۋېتىش كېرەك. يارىلانغان جايغا كېرەكسىز ئاپتول ياكى ئاسفالت سۈركەپ قويسا، قايتا چوقۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، كۆك يود سۈرۈپ ياللۇغنى قايتۇرۇش ۋە تېررامىتسىن ئىچۈرۈش كېرەك.
2) توخۇخانىنىڭ ئىشىك - دېرىزىلىرىنى قىزىل قەغەز ياكى قارا لاتا بىلەن توسۇپ قويۇش ۋە توخۇخانىنىڭ چىرىقىنى قىزىل رەڭلىككە ئالماشتۇرۇش كېرەك. چوقۇشقاق كېسىلى ساقايغاندا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويسا بولىدۇ.
3) يېمىگە %3-%2 لىك ئۆچۈرۈلمىگەن ھاك پاراشوكىنى ئۇدا 2 ھەپتە قوشۇپ بېرىش كېرەك.
4) يەمدىكى تۇز مىقدارىنى ئۇدا 2 كۈن %2-%1 ئاشۇرۇپ بېرىش، لېكىن سۇنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. بولمىسا، تۇزدىن زەھەرلىنىپ قالىدۇ.
5) جىجولىڭ ياكى جوگاڭلىڭنى ئۇدا 7-6 كۈنگىچە ئىچۈرۈش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ