قانداق قىلغاندا ئاپتوموبىل رېمونت دەرىسىنى ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ

23 2012-02-29 16:17:56   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      كەسپىي دەرس مەلۇم بىر خىل كەسىپ توغرىسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدىغان دەرسلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتوموبىل رېمونت دەرسى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇلىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈنكى پەن - تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، رىقابەت ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە بازار كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىلىپ، ئاپتوموبىل ئاساسلىق قاتناش قورالىغا ئايلاندى. شۇڭا ئاپتوموبىلنى قانداق ئاسراش، قانداق رېمونت قىلىش قاتارلىق بىر قاتار تېخنىكىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا پۇختا ئىگىلىتىش زۆرۈر. كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارا رىقابەت كۈچىيىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئۇلارغا ئەمەلىي تېخنىكىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟
      1. كەسپىي دەرس توغرىسىدا نەزەرىيەۋى بىلىمگە ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش كېرەك
      ئىسلاھات چوڭقۇرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەرقانداق بىر ساھە ۋە خىزمەت ئۈچۈن كەسىپچانلىق ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يەردىكى كەسىپچانلىق شۇ خىزمەتنىڭ خاراكتېرىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئەگەر ئوقۇتقۇچى نەزەرىيەنىلا بىلىپ ئەمەلىيەتنى قىلچە بىلمىسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپى جەھەتتە چوڭقۇر ۋە مۇكەممەل نەزەرىيەۋى بىلىمگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئالاقىدار ئەمەلىي مەشغۇلاتلارنى ماھىرلىق بىلەن ئېلىپ بارالايدىغان يەنى كاشىلىلارنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق رېمونت قىلىپ بىر تەرەپ قىلالايدىغان ھەم ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا زاپچاس - ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
      2. كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنالايدىغان بولۇش كېرەك
      ئوقۇتقۇچى كومپىيۇتېردىن تولۇق پايدىلىنالايدىغان بولۇشى، ئېلېكتىرونلۇق دەرس تەييارلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاپتوموبىل ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇق تونۇتۇشى، ئۇلارنى دەرسكە قىزىقتۇرۇشى، پىرويېكسىيە ئاپپاراتىدىن پايدىلىنالايدىغان بولۇشى ھەم ئېلېكتىرونلۇق مودېل ۋە ئۈسكۈنىلەرنى چۇۋۇپ ياساشنى بىلىشى كېرەك. ئومۇمەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشى زۆرۈر.
      3. ئوقۇغۇچىلارنى بەلگىلىك تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش كېرەك
      ئوقۇتقۇچى خۇشخۇي، روھى كۆتۈرەڭگۈ، تەمكىن، كىيىم - كېچىكى رەتلىك ۋە يارىشىملىق، ئوبرازى تەمكىن بولسا ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن تەسىرى ياخشى بولىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى ھەم ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىنىپنىڭ كەيپىياتىمۇ قىزغىن بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئىنتىزامى ياخشى بولسا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە بولسا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە جەلپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەشكىللەش ئىقتىدارى دەرس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسنى جەلپ قىلارلىق ئۆتۈش - ئۆتەلمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
      4. دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغان بولۇش كېرەك
      ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىشى ۋە ئەمەلىي ئوقۇتۇش جەريانىدا دادىللىق بىلەن قوللىنىشى زۆرۈر.
      1) ئۆتمەكچى بولغان دەرس مەزمۇنىغا ئاساسەن، سىنىپقا شۇ ئۈسكۈنىنى كوتۈرۈپ كىرىپ سۆزلەشتىن بۇرۇن، كۆپ ۋاسىتىلىك ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ ئوقۇغۇچىلارغا مەشغۇلات قىلدۇرماقچى بولغان ئۈسكۈنىنىڭ چۇۋۇش - قۇراشتۇرۇش تەرتىپىنى بىر قۇر كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈپ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا ۋەزىپە تەقسىملەش كېرەك. مەسىلەن: پۈتۈن بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرنى مەشغۇلات قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىلنىڭ مەلۇم قىسمىنى، يەنى ماتور قىسمىنى سۆزلىمەكچى بولساق، نەق مەيدانغا ماتوردىن بىرنى قويۇپ، تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىنى رەتكە تۇرغۇزىمىز، بىرىنچىسى سايمان ئېلىپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئۇ ماتورنى چۇۋۇشقا مەسئۇل ئوقۇغۇچىغا كېرەكلىك بولغان سايمانلار (ئەتتىركە،ئامبۇر،كۇلۇچ) نى ئۇدۇللۇق قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئىشلىتىپ بولغانلىرىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا تىزىدۇ. ئىككىنچىسى ماتورنى چۇۋۇش - قۇراشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچى بىرىنچى ئوقۇغۇچى تەمىنلىگەن سايمان بىلەن ماتورنى چۇۋۇشقا باشلاپ، چۇۋۇلۇپ چىققان زاپچاسلارنى ئۈچىنچى ئوقۇغۇچىغا بېرىدۇ. ئۈچىنچى ئوقۇغۇچى ئىككىنچى ئوقۇغۇچى چۇۋۇغان زاپچاسلارنى قولىدىن ئۇدۇللۇق ئېلىپ رەتلەپ، مەشغۇلات ئۈستىلى ئۈستىگە قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. جازىدىكى جازىلاقلىق ماتور بولغاچقا، تۆتىنچى ئوقۇغۇچى تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى چىڭ تۇتۇپ بىرىشكە مەسئۇل بولىدۇ. قالغان ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ مەشغۇلات جەريانىنى كۆرىدۇ.
      2) كېيىنكى سائەتلىك دەرستە بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ، مەخسۇس مەشغۇلات قىلىش تەجرىبىخانىسىدا ھەربىر گۇرۇپپىغا بىردىن كەسىپ ئوقۇتقۇچىسى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قول سېلىپ ئىشلىشىگە، قىلالمىغان جايلىرىنى ئۆگىتىپ قويۇشقا مەسئۇل بولۇپ، شۇ دەرسنىڭ ئۆزلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنى قايتا - قايتا ئەسكەرتىپ چۈشەندۈرىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئۆزى مۇستەقىل ھالدا ئوڭۇشلۇق قۇراشتۇرۇپ بولغان موتورنى كۆرگەندە ۋە ئوت ئالدۇرغاندا، مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئېشىپ، شۇ كەسىپكە بولغان قىزىقىشى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ ئېشىپ، ئەڭ ياخشى كەيپىياتتا دەرسنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
      3) كەسىپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوقۇغۇچىلارنى ھەپتىدە بىر قېتىم مەكتەپ سىرتىدىكى چوڭ - كىچىك رېمونتخانىلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.
      4) ھەر يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى ئارا ئەمەلىي مەشغۇلات مۇسابىقىلىرىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇشمۇ ئۇلارنىڭ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ ۋە تەجرىبىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرسنى ئۈنۈملۈك ئۆزلەشتۈرۈشىنىڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.
      يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنى قوللانغاندا، ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم نۇقتىلارنى ئەستە تۇتىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئۈنۈمىگە ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
      ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ھەربىر كەسىپ ئوقۇتقۇچىسى يۇقىرىقى تۆت شەرتنى ئۆزىدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم شەرتلەر دەپ قاراپ، باشقا ئالاھىدىلىكلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈملۈك قوللانغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي دەرسنى ئۈنۈملىك ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دەرسنى ياخشى ئۆتۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر