تەھرىرلىك خىزمىتى ۋە دەۋىر ئېھتىياجى

16 2012-02-29 16:14:13   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      تەھرىرلىك خىزمىتى جاپالىقلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى، سىجىللىقى، ئىنچىكىلىكى بىلەن ھۆرمەتلىكتۇر. كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە توغرا، ئۆلچەملىك، مۇھىم بىلىم ئۇچۇرلىرى ۋە مەنىۋى تەشنالىقنى قاندۇرغۇچى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىلارنى ھەدىيە قىلىشتا بىر ئەسەرنىڭ رولى قانچە چوڭ بولسا، ھەربىر سۇنۇلغان نادىر ئەسەر، ياخشى كىتابنىڭ ئۈن-تۈنسىز تۆھپىكارلىرى، تىنىمسىز ھەسەل ھەرىلىرىدەك نامسىز قەھرىمانلىرى بولغان تەھرىرلەرنىڭ خىزمىتىمۇ ئەسەر ئۈچۈن سىڭدۈرۈلگەن بىھېساب خىزمەتلەرنىڭ يىغىندىسى سۈپىتىدە مۇھىمدۇر. خىزمەت قانچە مۇھىم بولغانىكەن، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچىدىن تەلەپ قىلىدىغان ماھارەت، تەلەپ، ئۆلچەممۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ بەزىلىرى بۇرۇن كۆپ تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، بەزىلىرىنى خىزمەت جەريانىدا بىۋاسىتە ھېس قىلغان ئەمەلىي تەسىراتلىرىم بولغاچقا، قايتىدىن تەپسىلىي قەلەم تەۋرىتىشنى لايىق كۆردۈم.
      1. پىلانلاش ۋە لايىھەلەش ماھارىتى
      مۇھەررىر ئەڭ ئالدى بىلەن پۈتۈن كىتابنىڭ ئىنژېنىرى، لايىھەلىگۈچىسى، قۇرۇلما پىلانلىغۇچىسى. بۇ مەزمۇن، قاتلام، دائىرە، سۈپەت، ژانېر، تىراژ بويىچە ئومۇمىي پىلانلاشتۇر. جەمئىيەتتە كىشىلەر بىلىم سەۋىيەسىگە قاراپ تەبىئىي ھالدا نەچچە قاتلامغا ئايرىلىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەرنى پۈتۈن خەلق ئاممىسىنىڭ چۈشىنىپ ھەزىم قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن، بەك ئاممىباب نەرسىلەر تەتقىقات ساھەسىدىكى كىشىلەرگە بەكلا ئاددىي تۇيغۇ بېغىشلايدۇ؛ ياشانغانلار سالامەتلىك - ساغلاملىق تېمىلىرىغا قىزىقسا، ياشلار مۇھەببەت تېمىسىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ؛ ئەرلەر كەسىپ، مۇۋەپپەقىيەت توغرىسىدىكى تېمىلارنى ياقتۇرسا، ئاياللار مەڭگۈ گۈزەللىك قوغلىشىدۇ ۋە مۇشۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ئەسەرلەرنى تاللاپ ئوقۇيدۇ. تالانتلىقلار چەت ئەل زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئىش - ئىزلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارغا قىزىقسا، تەنھەرىكەتچىلەر ئولىمپىك چىمپىيونلىرىغا چوقۇنىدۇ، بىر قىسىم يىگىتلىرىمىز بېكخام بولۇشنى بىر قېتىمدىن چۈشەپ چىقسا، قىسمەن قىزلىرىمىزمۇ شارولخاننىڭ سۈرىتى ناۋادا ئاياللار ژۇرنىلىغا بېسىلىپ قالغان بولسا، شۇ ژۇرنالنى كۆرگەن يېرىدە سېتىۋالماي قالمايدۇ. بالىلار قىزىقارلىق، چۈشىنىشلىك، رەسىملىك، رەڭلىك نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ.
       ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ كىتاب چىقىرىشمۇ بىر خىل ئەخمەقلىق. بىر چاغلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ »قۇتادغۇبىلىك« ئەسىرىنىڭ باھاسى 01 يۈەنگە چۈشۈرۈلسىمۇ، لېكىن خېرىدار چىقماسلىقى ۋە بۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەندىشىگە چۈشۈشى، شۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلمىي ئەسەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئېھتىياجىنى تولۇق مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكتىن بولغان. ھازىر بۇ كىتاب يۇقىرى باھادا سېتىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خېرىدارلىرى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ. بۇنىڭ سەۋەبى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەتقىقاتچىلار قوشۇنىمىز بۇرۇنقىدىن زورايدى. خەلقىمىزدىكى ئويغىنىش، چۈشىنىش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىن كۆتۈرۈلدى، ئەڭ مۇھىمى كىرىم سەۋىيەسى يۇقىرىلاپ، قىممەت باھالىق نادىر ئەسەرلەرنى سېتىۋالالايدىغان بولدى. كىشىلەردە بەس - بەستە كىتاب چىقىرىش، ئىلىم تارقىتىش روھى ئۈستۈن بولىۋاتىدۇ. ئوقۇرمەنلىرىمىز ئوخشاش بولمىغان تۈر، ژانېردىكى، ھەر خىل يېزىق ۋە مەزمۇندىكى يېڭى كىتابلارغا تەشنا بولماقتا. رومانچىلىق ئىلمىي تارىخىي ئەسەرلەرگە ئورۇن بېرىۋاتىدۇ. مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىقى، ئۆزگىچە ئاڭ ئىزدىنىشلىرى چوڭقۇرلاپ، كىشىلەردە يېڭى دەۋر ئەخلاقىي ئەندىزىلىرى قايتىدىن تۇرغۇزىلىۋاتىدۇ. چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۈچىيىپ، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا دائىر يېڭى تېمىلار ئېچىلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ ئۆزگىرىش، ئېھتىياج، تەلەپلەر كىتاب چىقىرىشقا مەسئۇل بولغان مۇھەررىرلەرنىڭ دىققىتىدىن چەتتە قالماسلىقى كېرەك. دەۋر ئېھتىياجى ياكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشەنمىگەن مۇھەررىر پەرزەنتىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىپ يېتىشكە ناقابىل ئانا پەرزەنتىنى ياخشى تەربىلىيەلمىگەندەك جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولغان ئەسەرنى يارىتىپ خەلقىغە سۇنالمايدۇ.
      2. ئۇنىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسى
      بۇ مۇھەررىرگە نىسبەتەن تولىمۇ زۆرۈر بولغان بىر تەلەپ. گەرچە تەھرىرلىكنىڭ مۇئەييەن كەسىپ ۋە ژانېر دائىرىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆز خىزمەت ئالاھىدىلىكى، ئۆزگىچىلىكى، خاسلىقى سەۋەبلىك، مۇھەررىردىن ئۇنىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسى، كەڭ دائىرىلىك چېتىشما پەنلەر چۈشەنچىسى، ئەدەبىيات، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە بىر قىسىم گىرەلەشمە پەنلەردىن مۇئەييەن دائىرىدە خەۋەردار بولۇشنى تەبىئىي يوسۇندا تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىلىم بىر كۈندە توپلانمايدۇ، بۇ تەھرىرلىك خىزمىتىدە كۈندە قولىدىن قەغەز - قەلەم چۈشمەيدىغان كەسىپ ئىگىلىرىدىن پەقەت ئۆز خىزمەت دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالماي، ئۆزىنى زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ ھەم يېڭى ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام، مېنىڭ بىر تېبابەتچى ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلىشىم، يېقىندا بىز نەچچە يىل جاپالىق ئىشلەپ تەييارلىغان »ئۇيغۇر تېبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلىرى )1 - 21(« نىڭ روياپقا چىقىشىدا بەكمۇ زور رول ئوينىدى. كىچىكىمدە دادامدىن تولا ئاڭلاپ كەلگەن مىزاج، خىلىت، تادۇ ئۇقۇملىرى، كېسەللىك ئالامىتى، شىپاسى، رېتسىپى ياكى دورىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەرەب، ئوردۇ، پارس سۆز - ئاتالغۇلىرى بىرقەدەر كۆپرەك بولسىمۇ، لېكىن ماڭا بەك يات تۇيۇلۇپ كەتمىدى. بۇ مېنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىمگە زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
      گەرچە كامىل بولمىساممۇ، لېكىن ھەر ھالدا ئۆز مۇددىئا - مەقسەتلىرىمنى چۈشەندۈرگىدەك دەرىجىدە ئىگىلىگەن ئېنگىلىز تىلى سەۋىيەم ماڭا ئۇچرىغان بەزى چەت ئەل تەرجىمە ئەسەرلىرى ئۈستىدىن قاراپ چىقىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى. ئەمما، مەن ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغانلىقىم، شۇنداقلا ئۆزەممۇ ئىجتىمائىي پەنلەرگە مايىلراق ئەسەرلەرنى كۆپ كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرى ۋە پەن - تېخنىكا يېڭىلىقلىرى توغرىسىدىكى نەزەر دائىرەم چەكلىك بولغاچقا، تەبىئىي پەن ئەسەرلىرى تەرجىمىسىدە قىيىنچىلىق يەنىلا مەۋجۇت بولماقتا. بۇ نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى مۇھەررىرلەر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە چەت ئەل ۋە خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەردىكى سۆز - ئاتالغۇلار تەرجىمىسىنىڭ نادىرلىقىمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. مەسىلەن: كىملىك(身份证)، تىزگىنەك(遥控器) ، بارماق دېسكا(u盘) ،خەنزۇۋان(名考汉) ، ھورگۈرۈچ(米饭)  قاتارلىقلار. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلىمىزدا ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بېرىۋاتقان بۇ قېلىپلاشتۇرۇلغان سۆز - ئاتالغۇلار تىل - يېزىق تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى تەرجىمە سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. لېكىن بىر قىسىم قېلىپلاشقان سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ ئومۇملىشالماسلىقى ياكى مۇھەررىرلەرنىڭ ئۇنى دەل ۋاقتىدا ئۆز خىزمەت ۋەزىپىسى سۈپىتىدە ئۆزلەشتۈرمەسلىكى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر تىلى ئاتالغۇلىرىدىكى قېلىپسىزلىق مەسىلىسى بىرقەدەر ئېغىر بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن: راڭپىزا، لەڭپۇڭ، پوجاڭزا قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ كىشىنى قايىل قىلغۇدەك تەرجىمە نامى ھازىرچە بارلىققا كەلگىنى يوق. بۇ تىل - يېزىق تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇھەررىرلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
      3. پىشقان تىل ئۇستىكارلىقى
      خۇددى ئۇسسۇل سەنئىتىدە ھەرىكەت ئۇسۇلنىڭ تىلى، رەڭ رەسساملىق سەنئىتىدە رەڭ رەسىمنىڭ جېنى، تەبىئەت دۇنياسىدا سۇ كائىناتنىڭ ياشارتقۇچىسى بولغىنىدەك، تىلمۇ ئەسەرنىڭ جېنى ھېسابلىنىدۇ. تىل جەھەتتە پىششىقلانمىغان ئەسەرنى ئوقۇرمەنگە سۇنغىلى بولمايدۇ. بىر ئەسەرنى تەھرىرلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەسەرنى چۈشەنگۈدەك قابىلىيەت بولۇشتىن سىرت، يەنە يېتەرلىك مەبلەغ بولۇشى كېرەك. ئۇ بىزدىن لوگىكىلىق دەلىل، ئابىستىراكىت تەپەككۈر، ئوبرازلىق تىل سەنئىتىگە ماھىر بولۇشنىلا ئەمەس، يەنە ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ھۆكۈم قىلىش، پەرقلەندۈرۈش، سېلىشتۇرۇش، يىغىنچاقلاش ماھارىتىنىمۇ ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
      نۆۋەتتە، ئۇيغۇر تىلى نەشرىياتچىلىقىدا تەرجىمە ئەسەرلىرى بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەۋاتىدۇ. تەرجىمە ئەسەرلىرىمۇ بىر تۈرلۈك ئىجادىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇ مىللىتىنىڭ »قىزىل راۋاقتىكى چۈش«، »سۇ بويىدا«، »ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە«، »غەربكە ساياھەت« قاتارلىق تۆت داڭلىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئەسلىي ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكى ۋە قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشى پېشقەدەم تەرجىمانلارنىڭ تۆھپىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ ۋايىغا يەتكەن كەسپىي ماھارىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەن تەرجىمە ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، ھازىر بىر قىسىم مۇھەررىرلەر تىلدا چالا، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىز بولغاچقا، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى قىيىن بولىۋاتىدۇ. ئۇلار تەرجىمە ئەسەرلەرنى تەھرىرلىگەندە پۈتۈن ئەسەرنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپلا، لۇغەت مەنىسى بويىچە سۆزمۇ - سۆز چۈشىنىپ، جانلىقلىققا ۋە بەدىئىيلىككە ئېتىبار بەرمەيدۇ. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، ئۇلار ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى ۋە لوگىكىسىغا ئالاقىدار ساۋاتلارنى پۇختا ئىگىلىمەيلا قالماستىن، يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سۆز ئىشلىتىش ئادىتىگىمۇ دىققەت قىلمىغان. شۇڭا، بۇ ساھەدىكىلەر ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا ئىگىلىشى، قېلىپلاشقان يېڭى سۆز - ئاتالغۇلارنى ئىگىلەپ تۇرۇشقا ۋە ئۆز ئەسىرىدە قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، يېڭى ئىملا قائىدىلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىلىپ بولۇشى كېرەك. بۇندىن باشقا، يەنە خەنزۇ تىلى ۋە باشقا چەت ئەل تىللىرىنى ئىگىلىشى، شۇنداقلا كومپيۇتېردا بەت ياساش، ماقالە قوبۇل قىلىش - يوللاش، ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتىنى بىمالال ئورۇندىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ پەن - تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرنىڭ مۇھەررىرلەرگە قويغان تەلىپى.
      4. كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمى
      ئەلۋەتتە، ياخشى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاپتور ۋە تەرجىمانلارنىڭ تالانت - ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشى ناتايىن. تۈجۈپىلەپ تۈزىتىلگەن بىر ئابزاس، دەل جايىدا قوشۇپ قويۇلغان بىرەر ماقال - تەمسىل ياكى تىنىش بەلگە، مۇھەررىر تەرىپىدىن ئالماشتۇرۇلغان ئەسەر بۆلىكى خۇددى قۇرۇپ كېتىۋاتقان تارىم دەرياسىغا قۇيۇپ بېرىلگەن تولۇقلىغۇچى سۇدەك، نىمجان بىر ئەسەرگە ھۆسۈن ۋە ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىشى، ھەتتا شۇ ئاپتور ياكى تەرجىماننىڭ نامىنى چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئەسەرلەرنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنى - قۇۋۋىتى ۋە ماھارىتىنى ئىشقا سالغان مۇھەررىرلەرنى بولسا، ئوقۇرمەنلەر بىلىپ كېتىشى ناتايىن، چۈنكى مۇھەررىرلەر باشقىلارغا <تويلۇق كىيىم تىككۈچى>. مانا مۇشۇنداق ھەقىقىي نامسىز قەھرىمانلىق، مىننەتسىز ئەمگەك، تاماسىز مېھنەتلا لاياقەتلىك، ياخشى مۇھەررىرنىڭ ھەقىقىي گۈزەل، ساپ كەسپىي ئەخلاقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.
      تەھرىرلىك خىزمىتى سەزگۈرلۈك، ئۆتكۈرلۈك، ھۇشيارلىق، ئەستايىدىللىقنى، شۇنداقلا ئىنكاسى تېز، كۆزى روشەن، جاپاغا چىدايدىغان، بېسىپ ئولتۇرالايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. خىزمەت نورمىسىنى توشقۇزۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك، ناقابىللىق تەھرىرلىك خىزمىتى ئۈچۈن قانچىلىك يىراقتا بولىدىكەن، بۇنىڭدىكى ھوسۇل شاراپىتى ۋە شۆھرەت لاتاپىتىمۇ شۇنچە يېقىن بولىدۇ.
      ئەلۋەتتە، مۇھەررىر نوقۇل سودا نۇقتىسىدا تۇرۇپ كىتاب تۈزۈپ سېتىپ پايدا ئېلىشنى كۆزلەش توغرا خىزمەت ئىستىلى ياكى ئەخلاق مەۋقەسى ئەمەس. ئۇ قولدىن چىقارغان مەتبۇئات ئەسەرلىرىنى يالغۇر بازارنىڭ ئېھتىياجى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، خەلقنىڭ باھاسى ۋە تارىخنىڭ تارازىسىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىپ تەييارلىشى كېرەك. مۇھەررىرلەرگە بۇ نۇقتا ئايدىڭ بولغانىكەن، ئۇنداقتا ئۇلار سۈپەتسىز، ساختا، ناچار، چاكىنا ئەسەرلەرنىڭ جەمئىيەتكە تارقاپ، يامان تەسىر ۋە خاتا پىكىر ئېقىمى ھاسىل قىلىپ قويۇشىدىن ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرالايدۇ.
     ئالىي مەكتەپنى ئۆز ئانا تىلىمدا مۇنەۋۋەر پۈتتۈرۈپ، ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا ئورۇنلىشىپ خەت بېسىش، كوررېكتورلۇقتىن تەھرىرلىك ئورنىغا چىققىچە كۆپ ھەرەجلەرنى تارتتىم، ئىزدەندىم ۋە تىرىشتىم. تەھرىرلىك ھازىر مېنىڭ يېرىم ھاياتىم بولۇپ قالدى. خىزمىتىم ئاددىي ۋە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن شەرەپلىك. گەرچە مەن كيۇرى خانىمدەك ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشالمىساممۇ، لېكىن تەھرىرلىك ساھەسىدە مەسئۇلىيەتچانلىق، جانپىدالىق بىلەن ئىشلەپ، ئانا تىلىم بىلەن ئۆز كەسىپ دائىرەمدە ئۆز خەلقىمگە ئاز بولمىغان ئەسەرلەرنى سۇندۇم. دەسلىپىدە خىزمەت سىجىللىقى تۈپەيلىدىن خىزمەت ئالماشتۇرۇشنى ئويلاپ باققان بولساممۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا بۇ ساھەنى ئىختىيارسىز تاللىدىم. ھازىر مەن ئۆز كەسپىمنى ھەرقانداق بىر كەسىپتىن بەكرەك سۆيىمەن ۋە قەدىرلەيمەن. چۈنكى ئۆز كەسپىنى سۆيۈشمۇ لاياقەتلىك مۇھەررىرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ يۈكسەك كەسپىي ئەخلاق پەزىلەتتۇر.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر