سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ۋە ھەل قىلىش تەدبىرلىرى توغرىسىدا

24 2012-02-28 11:33:36   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سۇغۇرتىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇپ، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 2000 - يىلىدىكى 2 مىليارد 822 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2010 - يىلىدىكى 19 مىليارد 92 مىليون يۈەنگە يېتىپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ يىللىق ئوشۇقچە ئېشىش سۈرئىتى %21 بولدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ سۇغۇرتا بازىرىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئاساس، كەسپىي سۇغۇرتا شىركەتلىرى قوشۇمچە، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىق ئاپپاراتلىرىنى تۈگۈن قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى شىركەتلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئۆزئارا رىقابەتلىشىپ، ئورتاق راۋاجلىنىدىغان بازار ھالىتى شەكىللەندى.
      شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10مىليون كىشىگە يېقىن بولۇپ، شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %46 ىنى، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %77 ىنى ئىگىلەيدۇ. 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ماركېتىڭ خادىملىرى قوشۇنى 7901 كىشىگە يېتىپ، سۇغۇرتا ماركېتىڭ خادىملىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %18.27 ىنى ئىگىلىدى.
      گەرچە شىنجاڭ سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ھەرقايسى سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى ئاز سانلىق مىللەت سۇغۇرتا كەسپى خادىملىرىنى تەربىيەلەش، ئاز سانلىق مىللەت سۇغۇرتا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاز سانلىق مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ سۇغۇرتا ئېھتىياجىدا يەنىلا زور پەرق مەۋجۇت. سۇغۇرتا كەسپىي خادىملىرىنىڭ سۇغۇرتا شىركىتىدىن ئېقىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى تۈپەيلىدىن ماركېتىڭ خادىملىرى قوشۇنىنىڭ مۇقىمسىز بولۇشى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، ماركېتىڭ خادىملىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ تەرەپلەرگە تاقىلىدۇ.
      بىرىنچى، ھاۋالە ۋاكالەتچىلىك تۈزۈمى ئامىلى
      1. ماددىي ئامىلنىڭ تەسىرى
      ماركېتىڭ خادىملىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ماددىي ئامىل ئىش ھەققى، تەننەرخ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە سۇغۇرتا شىركەتلىرىدە يۈرگۈزۈلىۋاتقان ماركېتىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمى بويىچە سۇغۇرتا ماركېتىڭ خادىملىرى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغىنى ۋاكالەتچىلىك توختىمىدۇر. سۇغۇرتا ماركېتىڭ خادىملىرى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى بولمىغاچقا، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە شىركەت پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ، ئۇلار رەسمىي خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش جاپالىق خىزمەت قىلسىمۇ، لېكىن كىرىمى مۇقىم بولمىغاچقا، ئىجتىمائىي كاپالەت ھەقلىرىنى ئۆزى تۆلەۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماركېتىڭ خادىملىرى سۇغۇرتا كەسپىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەش ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، مۇقىم كىرىم تاپالايدىغان، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان باشقا كەسىپلەرگە ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ.
      2. ئەمگەك ياللانما مۇناسىۋىتى بىلەن ھاۋالە ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتى تەڭ مەۋجۇت
      نۆۋەتتە، سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن سۇغۇرتا ماركېتىڭ خادىملىرى ئارىسىدا ھاۋالە ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئەمگەك ياللانما مۇناسىۋىتى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، سۇغۇرتا ماركېتىڭ خادىملىرىنىڭ ئورنى ئېنىق ئەمەس. گەرچە قانۇنىي ئورنى جەھەتتە شەخسىي ۋاكالەتچىلەرگە كىرسىمۇ، ئەمما شەخسىي ۋاكالەتچىلىك تىجارەت ماھىيىتى يوق. سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئىش ھەققىنى باشقۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، پاراۋانلىق كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تۆۋەن تەننەرخلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاچقا، ماركېتىڭ خادىملىرى ياراتقان تىجارەت نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئېتىبار بېرىلىدۇ. ئەمما ماركېتىڭ خادىملىرىنى باشقۇرۇشتا بولسا نۇرغۇن تۈزۈم - بەلگىلىمىلەر بېكىتىلىپ، سۇغۇرتا ماركېتىڭ خادىملىرىغا قارىتا ياللانما خادىملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى يۈرگۈزۈلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ماركېتىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى ئاسانلا زەربىگە ئۇچراپ، شىركەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكى ئاجىزلاپ، ماركېتىڭ خادىملىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىرلاۋاتىدۇ.
      ئىككىنچى، بازار مۇھىتىنىڭ تەسىرى
      1. سۇغۇرتا بازىرىدىكى سېتىش مۇھىتىنىڭ تەسىرى
      ھەممىگە مەلۇمكى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان چوڭ ئۆلكە بولۇپ، يېزا نوپۇسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانىنى ئىگىلەيدۇ. ئاساسىي قاتلام سۇغۇرتا شىركەتلىرى دېھقانلار ئاممىسىنى سۇغۇرتا سېتىش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا سۇغۇرتا ماركېتىڭى بىلەن شۇغۇللىنىش تېخىمۇ جاپالىق ئەمگەك قىلىشنى ۋە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى چەت - يىراق جايلاردا دېھقانچىلىقتىن مول ھوسۇل ئالغان مەزگىللەردە، سۇغۇرتا سېتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، سۇغۇرتا ماركېتىڭ خادىملىرى ئۆز خىراجىتى بىلەن يىراق يېزا - بازار، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا بېرىپ، ئۆيمۇ - ئۆي تەشۋىق قىلىدۇ. ئۇلار شەھەردىكى ماركېتىڭ خادىملىرىدىنمۇ كۆپ قاتناش خىراجىتى ۋە ياتاق خىراجىتى چىقىم قىلىدۇ. مۇنداق يۇقىرى تەننەرخ ۋە جاپا - مۇشەققەت شىركەتكە ئادەم كۆپەيتىشنىڭ قىيىن بولۇشى ۋە خادىملار ئېقىپ كېتىشنىڭ ئېغىر بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
      2. سۇغۇرتا بازىرى تاشقى مۇھىتىنىڭ تەسىرى
      شىنجاڭدا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سانى گەرچە دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكىدەك كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ھەمدە بازار نىسبىتى تويۇنغان ئەھۋالدا ماركېتىڭ خادىملىرىنى كۆپەيتىش سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ماركېتىڭ خادىملىرىنىڭ كەسىپنى كېڭەيتىشى بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقاچقا، تېلېفون ئارقىلىق سېتىش، مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، نۇقتىلىق تۆلەم يىغىنى ئېچىش، ناتونۇش كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق سېتىش ئۇسۇللىرى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. ھازىر خېرىدارلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق يېڭى خېرىدار تېپىش ماركېتىڭ پائالىيىتىدىكى ئاساسلىق سېتىش يولى بولۇپ قالدى. شۇڭا، تەجرىبىسى كەمچىل ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسى تار يېڭى خادىملارنىڭ بازارنى ئېچىشى قىيىن بولغاچقا، يېڭىدىن قاتارغا قوشۇلغان ماركېتىڭ خادىملىرى پۇت تىرەپ تۇرالماي، ئاسانلا باشقا ساھەلەرگە چىقىپ كېتىدۇ.
      ئۈچىنچى، ئۆزگىچە مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى
      1. قىممەت قارىشى تەسىرى
      ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ ئېلىمىزدە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى يۈرگۈزۈلۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىدى. ئاغرىق - سىلاقلار يۈز بەرگەندە ئۇرۇغ - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە تايىنىۋېلىش؛ تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەندە ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇشىغا تايىنىۋېلىش؛ كەمبەغەللىكتىن قۇتۇلۇشتا خەيرى - ساخاۋەت ۋە ئىئانىگە تايىنىشتەك پاسسىپ ئىدىيە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەچكە، ماركېتىڭ خادىملىرى كەسپىي تەشۋىقاتنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالماي، سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ۋاز كېچىپ، باشقا ساھەلەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
      2. دىنىي كۆز قاراش تەسىرى
      ھەممىگە مەلۇمكى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. »تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ«، »ئۆلۈش - تىرىلىش پېشانىگە پۈتۈلگەن«، دېگەندەك دىنىي ئەقىدىلەر خەلق ئاممىسىنىڭ ئىدىيەسىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. گەرچە دىنىي ئەقىدىلەردە ئۆز يارالمىشى ئۈچۈن تىرىشىش كۆز قارىشى سىڭدۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن چەت - ياقا جايلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلاردا »سۇغۇرتىغا قاتناشسا تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ«، دېگەندەك مۇتەئەسسىپ قاراشلار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاچقا، يېزا نوپۇسى زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭدا ماركېتىڭ خادىملىرىنىڭ سۇغۇرتا مەھسۇلاتىنى سېتىشى زور توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت كەسپىي خادىملىرى باشقا ساھەلەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا. بۇندىن باشقا، يەنە رەسمىي خىزمەتچىلەر يۇقىرى مائاش، ياللانما ماركېتىڭ خادىملىرى تۆۋەن مائاش ئېلىش، شىركەت تەشكىلى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىق، شىركەتلەرنىڭ خادىملارنى يىللىق باھالاش مېخانىزمىدا يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كۆپلىگەن كەسپىي خادىملار شىركەتكە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ساداقىتىنى يوقىتىپ قويماقتا.
      تۆتىنچى، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى
      ئاز سانلىق مىللەت سۇغۇرتا ماركېتىڭ خادىملىرى شىنجاڭ سۇغۇرتىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ئەمما، نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سۇغۇرتا ماركېتىڭ تۈزۈلمىسىدە، سۇغۇرتا ماركېتىڭ قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقى ناچار بولۇش مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ھەرقايسى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زور توسالغۇ بولماقتا. شىنجاڭ سۇغۇرتىچىلىقىدا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان قىيىن مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش نۆۋەتتىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرنەچچە تەدبىرنى قوللىنىش كېرەك:
      1. سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك
      سۇغۇرتا شىركىتىدىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق بولماسلىق سۇغۇرتا ماركېتىڭ قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئىش ھەققى تۆۋەن، كىرىمى مۇقىمسىز، ئىجتىمائىي كاپالىتى ۋە تەۋەلىكى بولمىغان ۋاكالەتچىلەر قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركېتىڭ خادىملىرىنىڭ سەپتىن تۈركۈملەپ چۈشۈپ قېلىپ، جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. شۇڭا خۇسۇسىي ۋاكالەتچىلەر، بولۇپمۇ شىركەتكە يېڭى كىرگەن ۋاكالەتچىلەر ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە كەسىپ كېڭەيتىش كاپالىتىدىن ئىبارەت تۇراقلىق مائاشنى تەسىس قىلىش كېرەك. سۇغۇرتا ماركېتىڭ خادىملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت شىركەتتە تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، دەسلەپكى مەزگىلدە رەسمىيەت ھەققىنى كۆپ بېرىپ، كېيىنكى مەزگىلدە رەسمىيەت ھەققىنى ئاز بېرىشتەك ئىش ھەققى تەقسىملەش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ تەمىناتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ماركېتىڭ خادىملىرىنى ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈشكە، سەمىمىيلىك بىلەن تىجارەت قىلىشقا يېتەكلەپ، ماركېتىڭ خادىملىرى قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
      2. سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ماركېتىڭ خادىملىرىغا ئادىل ۋە تەرتىپلىك خىزمەت مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىش كېرەك
      سۇغۇرتا شىركەتلىرى سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىنى سۇغۇرتا ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم شېرىكى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇلارغا رەسمىي خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۇغۇرتا ماركېتىڭ تۈزۈمى ۋە ھەق تەلەپ قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يىللىق باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ماركېتىڭ خادىملىرىغا بېرىشكە تېگىشلىك رەسمىيەت ھەققى ۋە تەمىناتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق ۋە ئادىل بولغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئارقىلىق سۇغۇرتا ماركېتىڭ خادىملىرىنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
      3. سۇغۇرتا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، سۇغۇرتا سېتىشقا ماس كېلىدىغان تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك
      پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسىدىن قارىغاندا، سۇغۇرتىچىلىق يېڭى ھەم مۇرەككەپ كەسىپ بولغاچقا، قىسمەن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا سۇغۇرتا شىركەتلىرى سۇغۇرتا تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئىسلام دۆلەتلىرىدىمۇ قارشى ئېلىنىۋاتقان بىر خىل پۇل مۇئامىلە قورالى ئىكەنلىكىنى كەڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا تونۇتۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت ماركېتىڭ خادىملىرى قوشۇنىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ماركېتىڭ خادىملىرى سۇغۇرتا ئاساسىي بىلىملىرىنى ئىگىلەشتىن باشقا، يەنە يەرلىكنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، قىممەت قارىشى ۋە ئىستېمال پىسخىكىسىنى ئىگىلىشى كېرەك. سۇغۇرتا شىركەتلىرىمۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق كەسپىي قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، باشقا ساھەلەرگە ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر