شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ئالاقىسىدىكى كۆۋرۈك ۋە مۇھىم كۆزنەك. شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، مۇڭغۇلىيە، ھىندىستان، ئافغانىستاندىن ئىبارەت سەككىز دۆلەت بىلەن چىگرىلىنىدۇ، قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6500 كىلومېتىردىن ئېشىپ، مەملىكەت قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بىرىنچى دەرىجىلىك پورتتىن17 سى بار بولۇپ، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇرۇقلۇق چېگراسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگرالىنىدىغان دۆلەت ئەڭ كۆپ ئاپتونوم رايون ھېسابلىنىدۇ.
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەسىرى ئەڭ كەڭ خەلقئارالىق كاتتا يەرمەنكە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ئارقىلىق، ۋەتەننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا يېقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئەڭ ئالدىنقى سەپكە ئايلاندى.
ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى 91 يىل مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بىر قېتىم يۇقىرى كۆتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. 19 يىلدىن بۇيان 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سودىگەرلەر ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە نامايەن بولدى. مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا مەھسۇلاتىنى قاتناشتۇردى، تاشقى ئىقتىساد - سودا ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 39 مىليارد650 مىليون دوللارغا، دۆلەت ئىچىدىكى سودا ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 158 مىليارد 506 مىليون يۈەنگە، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 30 مىليارد 270 مىليون دوللارغا يەتتى. تاشقى ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىق پۈتۈشۈش سوممىسى 9 مىليارد 380 مىليون دوللارغا، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە پۈتۈشكەن توختام 11 مىڭ 586 غا، ئومۇمىي سوممىسى943مىليارد 43مىلىيون يۈەنگە يەتتى. 19 يىل ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى »شىنجاڭنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، دۇنياغا شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش› تا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى.
بىرىنچى، جۇڭگو -ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەكلىك رول ئوينىدى
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىنى مەركەزنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا نەزىرىنى غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاراتقانلىقى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يەرمەنكە شىنجاڭنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمگە ۋە دەرىجە قاتلىمىغا ئىگە سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقە يەنىمۇ كۈچەيدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سۇپىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن كۈچلۈك تىرەكتۇر.
ئىككىنچى، جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى زور ئىقتىسادىي پايدا ياراتتى
تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى 1 - سىنتەبىر باشلىنىپ 5 - سىنتەبىر ئاياغلاشتى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىغان گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئاۋىستىرىيە، قازاقىستان، مولدوۋا قاتارلىق 33 دۆلەت ۋە جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەن رايونلىرى 311 يايما ئىلتىماس قىلدى. ياۋروپا كارخانىلىرى كۆرگەزمە قىلىدىغان تۈرلەر ئاساسەن تېخنىكا جەھەتكە مەركەزلەشتى، ئاسىيا كارخانىلىرى كۆرگەزمە قىلىدىغان تۈرلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق، ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتى. بۇ قېتىملىق يەرمەنكىدە جەمئىي 178 ئىچكى ھەمكارلىق تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 185 مىليارد 56 مىليون يۈەن بولدى. تاشقى سودىدا پۈتۈشۈش سوممىسى 5 مىليارد 506 مىليون دوللارغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈشكەن سومما 2 مىليارد 375 مىليون دوللار؛ ئىمپورت زاكاس مال سوممىسى 2 مىليارد 233 مىليون دوللار، تاشقى ئىقتىساد - تېخنىكا توختامى تۈرىدە پۈتۈشكەن سومما 898 مىليون دوللار بولدى.
ئۈچىنچى، جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى ئېچىۋېتىش ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن كاتتا مەرىكە بولدى
جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى ئىقتىسادىي سودا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىق سەھنىسى بولۇپلا قالماي، يەنە سىياسىي، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىق سەھنىسى، ئۇنىڭدا ھەمكارلىق ئىشلىرى كېڭىشىلگەندىن باشقا، يەنە تۈرلۈك مۇنبەر پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يەردە شەكىللەنگەن بىرىكمە ئۈنۈم شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇ كاتتا مەرىكىنى ئۆتكۈزۈش جەريانى ئۆگىنىش، قوبۇل قىلىش، يۈكسىلىش جەريانى بولدى. جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىگە تەييارلىق كۆرۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن باشلاپلا »ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش« ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پىلانلاش، تەشكىللەش، يولغا قويۇش ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچى ئىشقا سېلىندى. جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىگە پۈتۈن مەملىكەت كۈچ چىقاردى. شىنجاڭ بىر قېتىملىق مىسلىسىز سىناققا بەرداشلىق بەردى. مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كاتتا مەرىكە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنى ئىپتىخارلاندۇردى، دۇنيانى تاڭ قالدۇردى.
جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن، ئىناق، ئالغا باسىدىغان شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلدى. شىنجاڭ ئۈچۈن ئىيتقاندا، جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، دۇنيا شىنجاڭ ۋە جۇڭگونى چۈشەندى، شىنجاڭ خەلقى بولسا دۇنيانى چۈشەندى. جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زېمىننى قۇرۇش، ئېچىۋېتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن روھىي ھالىتى بىلەن دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇسى.
ھەمبەھىرلىنىڭ