قازاقىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئاقمولىنىسكىي ئوبلاستىدا خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قازاقىستان بۇ يىل ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى 20-18 مىليون توننىغا يەتكۈزىدۇ.
نەزەربايېۋ مۇنداق دېدى: »بىز بۇ نىشانغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى«. ئۇ يەنە قازاقىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بىرنەچچە يىلدىن كېيىن قازاقىستاننىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئاشلىق ئېھتىياجىنىڭ %80 ىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى سەۋەبىدىن، قازاقىستان 2010 - يىلى ئاران 12 مىليون 200 مىڭ توننا ئاشلىق ھوسۇل ئالدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت ئاشلىق ئېھتىياجىنىڭ %30 ىگىلا كاپالەتلىك قىلالايدۇ›.
ھەمبەھىرلىنىڭ