يېقىنقى مەزگىللەردە قىرغىزىستاندا كان رايونىدىكى ئاھالىلار شۇ يەردىكى چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىپ تۇردى. جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندىكى ‹بايلىقنى تۈرگە ئايلاندۇرۇش›ھەمكارلىق شەكلىدىكى كان بايلىقلىرى تەرەققىيات شىركىتىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىدى.
ئالاقىدار كېلىشىملەرگە ئاساسەن، جۇڭگو شىركىتى مەبلەغ چىقىرىپ قىرغىزىستاننىڭ تاشيولىنى رېمونت قىلىپ بېرىدىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو شىركىتىنى رۇدا قېزىش ئىجازەتنامىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغانىدى. ھازىر تاشيولنى رېمونت قىلىش تۈرى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، لېكىن جۇڭگو شىركىتىنىڭ ئەمدىلا قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن رۇدا تاللاش زاۋۇتى بولسا نورمال ئىشلەشكە ئامالسىز قالدى. چۈنكى كان رايونىدىكى ئاھالىلار جۇڭگو شىركىتىنىڭ رۇدا تاللاش زاۋۇتىنى ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، شىركەت ئاپتوموبىللىرىنى توساپ، شىركەتنىڭ نورمال مال توشۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى ھەمدە كان رايونىغا بۆسۈپ كىرىپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كارخانىسى ئالدىن سالغان مەبلەغنى قايتۇرىۋېلىشقا ئامالسىز قالدى. ھازىر بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ھەل قىلىنماقتا.
ھەمبەھىرلىنىڭ