2012-يىلى 2ئايدا تۈرۈكمەنىستاندا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

64 2012-02-24 15:41:11   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ‹بىتەرەپ تۈركمەنىستان گېزىتى› نىڭ بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۈركمەنىستان پارلامېنت يىغىنىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا، پارلامېنت ئەزالىرى بىردەك بىلەت تاشلاپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىنى 2012 - يىلى 2 - ئاينىڭ12 - كۈنى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتكەن.
      دوكلاتتا دېيىلىشىچە، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمى تۈركمەنىستاننىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇشىدىكى زور ئىش، شۇنداقلا مەزكۇر دۆلەتنىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئابىدە ئىكەن.
      2006 - يىلى12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تۈركمەنىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى نىيازوۋ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەنىدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتلىق مۇئاۋىن زۇڭلى ھەم قوشۇمچە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بەردىمۇھەممەدوۋ تۈركمەنىستاننىڭ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭى ۋە قوراللىق قىسىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى. 2007 - يىلى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى بەردىمۇھەممەدوۋ تۈركمەنىستان ئاۋام پۇقرالىرى تەرىپىدىن رەسمىي تۈردە زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلاندى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر