قازاقىستان ئاھالىلەرگە قازاق تىلى سۆزلىشىش قولانمىسنى تارقىتىپ بەرمەكچى

513 2012-02-24 15:37:21   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      قازاقىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاھالىلەرگە قازاقچە - رۇسچە سۆزلىشىش قوللانمىسىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر دۆلەتتە قازاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
      قازاقىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى گۇرمانگالىيېۋ شۇ كۈنى ئاستانەدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹قازاقىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى 1 مىليون نۇسخا قازاقچە - رۇسچە سۆزلىشىش قوللانمىسىنى بېسىپ چىقاردى، بۇلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ›. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ‹قوللانمىدا داۋالاش، ساياھەت، مەدەنىيەت، مائارىپ، خىزمەت، مۇلازىمەت، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە 10 قىسىم ۋەقەلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن سۆزلىشىش تۈزۈلدى. قازاقىستاننىڭ 2011 -، 2012 - يىللىق دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەدەنىيەت تارماقلىرى بىرلىككە كەلگەن قازاق تىلى ئوقۇتۇش ئۆلچىمىنى تۈزمەكتە، بۇنىڭدا خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە 6 تىل ئايرىمىسى تەسىس قىلىنىدۇ.
      قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، قازاق تىلى قازاقىستاننىڭ دۆلەت تىلى بولىدۇ، ئەمما رۇس تىلى ھۆكۈمەت تەرەپ تىلى قىلىنىدۇ، دۆلەت ۋە يەرلىك ئورگانلاردا قازاق تىلى بىلەن رۇس تىلى باراۋەر ئىشلىتىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر