ئۇكرائىنا بىلەن روسىيە يىل ئاخىرغىچە تەبئىي گاز باھاسىنى بېكىتىدۇ

18 2012-02-24 15:35:17   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى ۋېكتور يانوكىۋىچ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەبىئىي گاز باھاسىنى كېڭىشىپ بېكىتىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
       ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ قارىشىچە، ھازىر تەبىئىي گازنىڭ باھاسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش زۆرۈر، دەپ قارايدىكەن. بۇ يىل تۆتىنچى پەسىلدە ئۇكرائىنا تەرەپ ھەر 1000 كۇب مېتىرى 400 ئامېرىكا دوللىرى بولغان باھا بويىچە تەبىئىي گاز ھەققىنى تۆلىگەن.
       يانوكىۋىچ بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سۇمىي ئوبلاستىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە مۇنداق دېدى: ‹بۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، بىز ھازىر سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتىمىز، بۈگۈن سۆھبەتتە بىرلىككە كېلىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز›. يانوكىۋىچنىڭ قارىشىچە،2009 - يىلى تۈزگەن تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئۇكرائىناغا نىسبەتەن ‹شەرتى ئېغىر› بولۇپ كەتكەن كېلىشىمكەن. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ ئاخبارات باشقارمىسىمۇ ئۆز پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ: ‹باھا چوقۇم ئادىل بولۇشى كېرەك› دېدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر