تاجىكىستاندا قورۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشى ئاشتى

39 2012-02-23 11:32:23   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   تاجىكىستان ئېنېرگىيە بايلىقلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا تاجىكىستاندا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %15 ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئاساسەن يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ قوشۇلغانلىقىدىن بولدى. 2011 - يىلى تاجىكىستاندا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 10 ى قوشۇلۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا بۇنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئىشلەپچىقىرشقا كىرىشتۈرۈلدى.
      بۇ كارخانىلارنىڭ ئىچىدە چىكاروۋىسكى مەرمەر تاش ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى يىلدا 5000 كىۋادرات مېتىر مەرمەر تاش تاختىسى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، ھازىرغىچە بۇ كارخانا 717 كىۋادرات مېتىردىن كۆپ مەرمەر تاش تاختىسى ئىشلەپچىقىرىپ بولدى.
      بۇنىڭدىن باشقا، يەنە 4 مەرمەر تاش پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا.
      بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا تاجىكىستان 2100 كىۋادرات مېتىر مەرمەر تاش ئىشلەپچىقرىپ بولدى، 2010 - يىلى ئېھتىياج كۆپ بولمىغانلىقتىن ئاران 3200 كىۋادرات مېتىر مەرمەر تاش ئىشلەپچىقارغانىدى.
      قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا خىش ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ ئاشتى. بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا تاجىكىستاندىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى جەمئىي 27 مىليون 300 مىڭ پارچىدىن كۆپ خىش ئىشلەپچىقاردى، بۇ 2010 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %6.42 كۆپ.
      ھازىر تاجىكىستاندا جەمئىي65 خىش ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بار، بۇ كارخانىلار 2010 - يىلى 78 مىليون 400 مىڭ پارچە خىش ئىشلەپچىقارغانىدى، بۇ يىل بۇ كۆرسەتكۈچ 139 مىليون پارچىغا يېتىشى مۇمكىن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر