بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزبېكىستاندا دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىلارنىڭ (ۋاقىتلىق سىرتلارغا چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سانى 28 مىليون 639 مىڭ ئادەمگە يەتتى. بۇ سان بۇ يىلنىڭ بېشىدا 28 مىليون 230 مىڭ ئادەم ئىدى.
ئۆزبېكىستان ئىستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ سانلىق ماتېرىيالىدىن قارىغاندا، ئۆزبېكىستان بويىچە %51.3 ئاھالە (14 مىليون 697 مىڭ ئادەم) شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشقانىكەن.
بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %18.8 بولۇپ، 2010 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %1.6 تۆۋەنلىگەن. كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بولسا %4.8 بولۇپ، %0.2 ئاشقان.
ئۆلۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، %66.9ئادەم قان ئايلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن، %7.5 ئادەم ئۆسمە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن، %6.2 ئادەم نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن، %6.2 ئادەم ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن، %5.4 ئادەم تاسادىپىي ۋەقەلەر، زەھەرلىنىپ قېلىش ۋە سىرتقى يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن.
دەسلەپكى قەدەمدە ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا يېشىغا توشمىغان 3100 بوۋاق ئۆلگەن، يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسىبتى %11 دىن %10 كە تۆۋەنلىگەن. يېشىغا توشمىغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تاسادىپىي ئەھۋاللاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى %49 نى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى سىستېمىسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى %34.6 نى، غەيرىي تۇغما كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى %6.5 نى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى %4.7 نى ئىگىلىگەن.
2011 - يىلى 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە 113 مىڭ 600 ئادەم نىكاھلىنىشقا، 9000 ئادەم نىكاھدىن ئاجرىشىشقا تىزىملاتقان، يەنى ھەر 1000 ئاھالە ئىچىدە 8 ئادەم نىكاھلىق بولۇشقا (2010 - يىلى 7.9 ئادەم ئىدى)، 6.0 ئادەم (2012 - يىلى0.7 ئادەم) نىكاھدىن ئاجرىشىشقا تىزىملاتقان.