ئۆزبېكىستان ئۇز خىمىيە سانائەت شىركىتىنىڭ ئاخبارات كاتىبى جاپپار رۇدىيېۋ يېقىندا رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزبېكىستاننىڭ نەۋائى ئەركىن سانائەت ئىقتىسادىي رايونىدا كورىيەنىڭ scitemsoC KD شىركىتى بىلەن شېرىكلىشىپ قۇرغان scitemsoC ytuaeB - yiovaN شىركىتى تىجارەت باشلاپ، ھەر خىل گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى.
رۇدىيېۋ يەنە تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈردى: سەھىيە ئىجازەتنامىسى ۋە لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى بېجىرىپ رەسمىي ئىش باشلىغان بۇ scitemsoC ytuaeB - yiovaN شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەبلىغى 2 مىليون 880 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ھازىر 18خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ. شىركەت ئۈسكۈنىلىرىنى كورىيە تەرەپ تەمىنلىگەن بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە687 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق (ھازىر 1 ئامېرىكا دوللىرى 1715 سومغا تەڭ) ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى.
ئۆزبېكىستان جۇڭگو بىلەن شېرىكلىشىپ قۇرغان شىركەتمۇ نەۋائى ئەركىن سانائەت ئىقتىسادىي رايونىدا تىجارەتنى باشلاپ، بوۋاقلارنىڭ زاكا ئىشتانلىرى ۋە باشقا ھەر خىل تازىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى، بۇ كارخانىنىڭ قۇرۇلۇش مەبلىغى 3 مىليون 780 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
شىركەت يىل ئاخىرىغىچە 1 مىليارد800مىليون سوملۇق ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى.
جۇڭگو بىلەن شېرىكلىشىپ قۇرغان بۇ شىركەت يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانى بويىچە ھەر يىلى دۆلەت ئىچىدىكى بازارلارنى 200 مىليون پارچە بوۋاقلار زاكا ئىشتىنى ۋە 200 مىليون تال ھەر خىل تازىلىق بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىمەكچى.
ھەمبەھىرلىنىڭ