جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىندىغان تەبئىي گاز مىقدارى ئاشۇرىدۇ

77 2012-02-21 15:10:04   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
جۇڭگو CPNC گۇرۇھ شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو2015- يىلىدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى 4 ھەسسە، ئوتتۇرا ئاسىيا  - جۇڭگو تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسىنىڭ يىللىق توشۇش ئىقتىدارىنى 60-55 مىليارد كۇب مېتىر ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.
      جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى ئاشۇرۇشى رۇسىيەنىڭ مەنپەئىتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى، 2010 - يىلى تۈركمەنىستان قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارقىلىق جۇڭگونى 4 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەنىدى، بۇ يىل ئېشىپ 13 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى، كېلەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈش پىلانلانماقتا.
      2009 - يىلى ياتقۇزۇلغان تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسىنىڭ يىللىق توشۇش ئىقتىدارى 40 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى يەنە ئاشۇرۇش پىلانلانماقتا. بۇ يىل تەبىئىي گاز تەمىناتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىككى تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسى يېڭىدىن ياتقۇزۇلۇشقا باشلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2013 - يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
      ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسىنىڭ شەرققە قاراپ داۋاملىق كېڭىيىشى رۇسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا كۈتۈلمىگەن ئىش بولدى. ئۆتكەن يىلى رۇسىيە بىلەن جۇڭگو تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا باھا مەسىلىسىدە بىردەك پىكىرگە كېلەلمىدى. گەرچە كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبەتنى بۇ يىل 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بۇ ۋاقىتنى كۈتۈپ تۇرالمىدى. جۇڭگو باھا مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلمىدى، رۇسىيەمۇ ئۆزىنىڭ تەبىئىي گېزىنى ئەرزان باھادا سېتىشنى خالىمىدى. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ باھا پەرقى 100 ئامېرىكا دوللىرى (1000 كۇب مېتىرى) بولدى. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ھەر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى 235ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بويىچە سېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
      ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ھازىر سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى تەرەپ كېيىنكى قېتىملىق دائىمىي ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرىكى كوزىرىنى تەييارلاۋېتىپتۇ. تۈركمەنىستاننىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان تەبىئىي گاز تەمىنات مىقدارىنى ئاشۇرۇشى نابۇك تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسى تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈلۈشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ تۇرۇبا يولىنى تۈركمەنىستان ياۋروپاغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى يول دېيىشكە بولىدۇ.
      نابۇك تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسىنىڭ لايىھەلەنگەن يىللىق قۇۋۋىتى 320-260 كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. ئەگەر تۈركمەنىستان بۇ تۈرگە قاتنىشىشنى رەت قىلسا، ئۇ ھالدا ئىران مەزكۇر تۇرۇبا يولىدىكى ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر