ئافغانىستان تاجىكىستاننىڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى

51 2012-02-21 15:06:47   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەمىناتى ھەققىدىكى سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى.
      تاجىكىستان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستاننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە يىل بويى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان، لېكىن تاجىكىستاندىمۇ ئەتىياز ۋە قىش پەسلىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش سەل جىددىي بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، تاجىكىستان ئافغانىستاننى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن يىل بويى تولۇق تەمىنلەشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
      تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ snaD شىركىتى ئىلگىرى تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، تاجىكىستان ئافغانىستانغا ئىزچىل تۈردە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېكسپورت قىلىشى كېرەكىدى، لېكىن تاجىكىستان بۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنلاپ بولالمىدى.
      بۇنىڭ ئۈچۈن ئافغانىستان شىركىتى ۋەكىللىرىمۇ تولۇق سەۋەب كۆرسىتىپ، بۇندىن كېيىن ئۆزبېكىستاندىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى ئۆزبېكىستان ئافغانىستاننى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن يىل بويى تەمىنلەشكە قوشۇلغانىدى.
      تاجىكىستان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، ھازىر گەرچە نۇرېك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مىقدارى تولۇق بولسىمۇ، لېكىن ئارتۇق سۇ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشقا تولۇق ئىشلىتىلمەيدىكەن. ئىسراپ بولىۋاتقان سۇ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئۆتىدىغان سۇ مىقدارىدىنمۇ كۆپ ئىكەن، مەسىلەن: ۋاخش دەرياسىنىڭ نۇرېك سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلىدىغان سۇ مىقدارى مىنۇتىغا1400كۇب مېتىر، لېكىن ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن ئۆتىدىغان سۇ مىقدارى مىنۇتىغا 650 كۇب مېتىر ئىكەن.
      مۇتەخەسسىسلەر، ئەگەر تاجىكىستان ئافغانىستانغا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلمىسا، بۇ بازارنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ ھەم پاكىستان بازارلىرىغىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ھازىر تۈركمەنىستانمۇ ئافغانىستان پايتەختىگە تۇتۇشىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى قۇرماقتا.
      تۈركمەنىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىرقەدەر مول بولغان دۆلەتلەر بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياجنى تولۇق قامدىغاندىن سىرت، يەنە ئافغانىستانغا، ھەتتا پاكىستانغىمۇ ئېكسپورت قىلالايدۇ. ئۇ چاغدا تاجىكىستان روگون سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ياخشىلىغان تەقدىردىمۇ بۇ بازارغا كىرەلمەيدۇ.
      تاجىكىستان ئېنېرگىيە بايلىقى سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تاجىكىستان ئافغانىستاننى تەمىنلەيدىغان ھەر كىلوۋات توكنىڭ باھاسى 3.5 ئامېرىكا دوللىرى، ئۆزبېكىستاننىڭ ئافغانىستاننى تەمىنلەيدىغان ھەر كىلوۋات توكنىڭ باھاسى7.5 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر