قازاقىستان، رۇسىيە ۋە بېلورۇسسىيە بىر گەۋدىلەشكەن تەشكىلات - تاموژنا ئىتتىپاقدىشى پىلان بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش ئېشىۋاتقان قازاقىستاننىڭ تاشقى سودا كۆرسەتكۈچى مانا بۇ مەسىلىنى ئىزاھلىدى.
2011- يىلى 1 - پەسىلدە قازاقىستاننىڭ تاشقى سودىدىكى ئاكتىپ بالانسى 11 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2010 - يىلىدىكىگە قارىغاندا %41.4 ئاشتى. بۇنىڭدىن قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ تۇراقلىق ئېشىش ۋەزىيىتىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ نىسبەتنىڭ تاموژنا ئىتتىپاقدىشىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا بەزى دۆلەتلەر ھەر خىل شەكىلدىكى بىر گەۋدىلىشىش لايىھەلىرىنى يۈرگۈزمەكتە، بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. لېكىن ھەرقايسى بىر گەۋدىلەشكەن تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈنۈمىدە پەرق زور. بىر گەۋدىلەشكەن تەشكىلاتلار رولىنىڭ ئۈنۈم بېرىش دەرىجىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
دۇنيانىڭ بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسى ئىقتىسادىي جەھەتتە بىربىرىنى تولۇقلاۋاتقان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگىچە تارقالدى. بۇ بىر گەۋدىلەشكەن تەشكىلاتقا ياۋروپا ئىتتىپاقدىشىنىڭ تەجرىبىلىرى ئۆرنەك بولدى.
ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن، تاموژنا ئىتتىپاقدىشىنى قۇرۇش خەلقئارا تاۋار بازىرىدا ئەۋزەل شارائىتنى ئىگىلىگەن دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ئوخشاش بولغان دۆلەتلەر بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، كۈچلۈك رىقابەتچىلەردىن قورقىدىغان دۆلەتلەر بىرلىككە كەلگەن تاموژنا ئىتتىپاقدىشىنى قۇرۇپ، تاموژنا بېجى، تىرانسىپورت ھەققى ۋە بىر قىسىم چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قوغدايدۇ.
قازاقىستان زۇڭتۇڭى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ئوخشاش بولمىغان جايلاردا قازاقىستاننىڭ تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا كىرىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆپ قېتىم شەرھىلەپ ئۆتتى. چۈنكى تاموژنا ئىتتىپاقدىشى شەكلى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىۋاتقان بىر گەۋدىلىشىش قازاقىستان ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەردە دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى تۈگىتىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇردى.
ھەمبەھىرلىنىڭ