تاجىكستان سودا تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئويلاشماقتا

62 2012-02-16 17:14:54   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      يېقىندا، تاجىكىستان دۆلەتلىك سودا - سانائەت جەمئىيىتى دۈشەنبە شەھىرىدە دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى ئېچىپ، تاجىكىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىك ساھەسىدىكى ۋەكىللەردىن باشقا، يەنە بىر قىسىم رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.
      تاجىكىستان دۆلەتلىك سودا - سانائەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لارىسسا گىسلىياكوۋا مۇنداق دېدى: تاجىكىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسى بارغانسېرى كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا دۆلەت تەرىپىدىن تاشقى ئىقتىسادىي سىياسەتتىكى ئاساسلىق يۆنىلىشنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتىدۇ.
      تاجىكىستان ھۆكۈمىتىمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدە - نىزاملىرى بويىچە دۆلەت قانۇنىنى تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىدىغان ئاساسلىق مەسىلە شۇكى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن ئىلگىرى تاجىكىستان قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك؟ شەك - شۈبھىسىزكى، بۇلار خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلار نۆۋەتتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر. چۈنكى تاجىكىستان دۆلەتلىك سودا - سانائەت بىرلەشمىسى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مۇھاكىمىگە پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
      تاجىكىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، تاۋار ۋە مۇلازىملىق سودىلىرى تېخىمۇ ئەركىنلىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچى ئاشىدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە تىجارەت ئېلىپ بارىدىغانلار زور نەپكە ئېرىشىدۇ. تاجىكىستان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سودا مىنىستىرلىقى تاشقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئىبراجىموۋ مۇنداق دېدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئىستراتېگىيەسى تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، بۇ تەشكىلاتقا كىرىشنىڭ شەرتلىرى بويىچە ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەش زۆرۈر.
      نۆۋەتتە، تاجىكىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى توغرىسىدىكى سۆھبەت ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى. تاجىكىستان بىلەن سودا - تىجارەت ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەتلەر، مەسىلەن ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا دۆلەتلەر، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە جۇڭگو ۋەكىللىرى سۆھبەت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدۇر. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىدا تاجىكىستاننىڭ تاشقى سودا تۈزۈمى باياناتنامەسى تۈزۈلۈپ قاراپ چىقىشقا سۇنۇلدى، ئالتىنچى قېتىملىق يىغىنىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا 13 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر قاتار ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش پىلانلاندى. ئەڭ مۇھىمى، قانۇن رامكىسى تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ تاجىكىستاننى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەلىپىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىنمىسىنى جەلپ قىلىدۇ.
      يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك ھالدا مۇنداق دەپ قارىدى: ‹تاجىكىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئۆزىنىڭ خەلقئارا سودا مۇناسىۋىتىدىكى تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ›. ئىقتىسادىي ئۆتكۈنچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تاجىكىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر