قازاقىستان بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقدىشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتى ئاخىرلاشتى

106 2012-02-16 16:50:54   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      قازاقىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەتكە قاتناشقۇچى ۋەكىللىرى بريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقدىشى بىلەن مۇلازىمەت سودا جەھەتتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشكە ئىجازەت بېرىش ھەققىدىكى سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەتكە قاتناشقۇچى ۋەكىل ئېتزانوۋا مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف قاتارلىق 12 مۇلازىمەت سودا ساھەسىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشكە ئىجازەت بېرىش شەرتىدە بىرلىككە كەلدى، قالغان تېخنىكا خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى مۇتەخەسسىسلەر بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدى.
      ئېتزانوۋا يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر ئىككى تەرەپ بىر سەزگۈر مەسىلە يەنى قازاقىستاننىڭ خام ماتېرىياللارنى ئېكسپورت قىلىشتىكى تاموژنا بېجى مەسىلىسى ئۈستىدە ئاخىرقى سۆھبەتنى ئېلىپ بارماقتا. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى قازاقىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن خام ماتېرىيال ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ، شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقدىشى كومىتېتى قازاقىستاننىڭ خام ماتېرىياللارنى ئېكسپورت قىلىش بېجىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن قازاقىستان خام ماتېرىيالنى ئېكسپورت قىلىش بېجى خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراپ، »ئېكسپورت قىلىش بېجىنى بەلگىلەش ھوقۇقىمىز بار« دېگەن مەيداندا چىڭ تۇرىدۇ. ئېتزانوۋامۇ بۇ مەسىلىنىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى توسالغۇ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ھازىر ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق »باجنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدىغان« تاۋارلار تىزىملىكىنى تۇرغۇزماقتا.
      قازاقىستان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقدىشى 2010 - يىلى 7 - ئايدا مال سودىسى جەھەتتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانىدى.
      ياۋروپا ئىتتىپاقدىشى قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى بولۇپ، 2010 - يىلى ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 38 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ھازىر قازاقىستان ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %48 ىنى ياۋروپا ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىگىلەيدۇ، 2000 - يىلى بۇ نىسبەت ئاران %15 بولغانىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر