تۇنىس توزىر نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسىنىڭ 14-فېۋرال لىۋىيىنىڭ سابىق زۇڭلىسى ماھمود ۋە باشقا ئىككى نەپەر ھەمراھىنى «قانونسىز تۇنىس چېگراسى ئىچىگە كىرگەنلىكىگە جىنايەت بېكىتىلمەيدۇ»دەپ ئېلان قىلدى.
توزىر نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقارغاندىن كېيىن، تۇنىس ئەدلىيە تارماقلىرى ماھمود ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ھەمراھىنى ئەرز قىلىشنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى.
ماھمودنى ئاقلىغۇچى كومىتېتتىكى ماسلاشتۇرغۇچى خادىم كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاقلاش كومىتېتى تۇنىس ھۆكۈمىتىدىن توزىر نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسىدىن ھۆكۈمنى تىزرەك ئىجرا قىلىپ، ماھمودنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى:ماھمود تۇنىسقا كىرگەندە تۇنىس تاموژنا ئىدارىلىرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان پاسپورتنى ئېلىپ كىرگەچكە، ئۇ تۇنىستا تامامەن ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.ئۇنىڭ ئۈستىگە ماھمود تۇنىسقا كىرگەندە تۇنىس «لىۋىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنى تېخى ئېتىراپ قىلمىغان».
ماھمود ۋە ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھى بۇلتۇر 21-سىنتەبېر كەچتە تۇنىس چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان.تۇنىس توزىر نارازىلىق سوت مەھكىمىسى شۇ ئاينىڭ 22-كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، «قانونسىز چېگراغا كىرىش جىنايىتى»بىلەن ماھمود ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ھەمراھىنى 6ئاي قاماشقا ھۆكۈم قىلغان ۋە ھۆكۈمنى دەرھال ئىجرا قىلغان. ماھمود نۆۋەتتە يەنىلا تۇنىس چېگراسىدا قاماقتا تۇرماقتا.
ھەمبەھىرلىنىڭ