بالدۇر ئۇخلاش تېرىككەكلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

48 2012-02-14 17:45:46   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     كىشىلەر دائىم بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق دېيىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىمۇ يەنە قېنىپ ئۇخلاش ياش - ئۆسمۈرلەردىكى ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلاردىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاھىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا زور ياردىمى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.15 مىڭ نەپەر ياش - ئۆسمۈر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر كۈنى 8 سائەت ئۇخلايدىغان ياش - ئۆسمۈرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى 5 سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ئۇخلايدىغان ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %71، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاھىشىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى %48 يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت10ياكى تېخىمۇ بالدۇر بولغان ياش - ئۆسمۈرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دائىم كەچ سائەت 12 دىن كېيىن ئۇخلايدىغان ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %24، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خىيالىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى %20 تىن يۇقىرى بولىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر