خاراكتېرىڭىز قايسى خىلغا كىرىدۇ ؟

331 2012-02-14 17:47:35   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      1. مىجەزى چۇس كىشىلەر جۇشقۇن كەيپىياتلىق كېلىدۇ، كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشى تېز ھەم كۈچلۈك بولىدۇ، ئوچۇق - يورۇق، تۈز كۆڭۈل، قىزغىن، شىجائەتلىك، كەسكىن بولىدۇ. كەيپىياتنىڭ تاشقى ئىپادىسى روشەن، ئىنكاسى تېز، لېكىن جانسىز كېلىدۇ، بۇ خىل تىپتىكىلەر يەنە كەسىپكە بېرىلىپ قىزغىن ئىشلەيدۇ، كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ، سۆز - ھەرىكىتى چۇس، ئاسانلىقچە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ، ئالدىراڭغۇ، چىقىشغاق كېلىدۇ. ئىچكى ھالىتى سىرتقا ئاسان بىلىنىپ قالىدۇ، ئاسان ئاچچىقى كېلىدۇ.
      2. قان مىجەزدىكى كىشىلەر ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، روھلۇق، كەيپىياتنىڭ پەيدا بولۇشى تېز ھەم ئۆزگىرىشچان، تىل بىلەن ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە باي، تەپەككۇرى، سۆز - ھەرىكىتى ئۆتكۈر، ئۈمىدۋار، يېقىملىق، قىزغىن كېلىدۇ، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاسان ماسلىشالايدۇ، چىقىشقاق كېلىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر كېلىدۇ، تاشقى ئىپادىسى روشەن كېلىدۇ، لېكىن ھېسسىياتى ئاسان ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دىققىتى ئاسان يۆتكىلىدۇ، زېرەك، چېچەن كېلىدۇ. يېڭى شەيئىلەرنى ئاسان ئۆزلەشتۈرىۋالىدۇ، غىدىقلاش توختىغاندىن كېيىن، ئاسانلا زېرىكىپ پاسسىپ كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ. چۇس، يەڭگىل كېلىدۇ. ھېسسىياتى ئاسان قوزغىلىدۇ، ئاسان ھاياجانلىنىدۇ.
     3. بەلغەم مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى بولسا ئېغىر بېسىق، كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاستا ھەم ئاجىز، كەيپىياتى ئاسان قوزغالمايدۇ، تەپەككۇرى، سۆز - ھەرىكىتى سۇس، ئىچكى مايىل كېلىدۇ، ئىچكى ھالىتى سىرتقا ئاسانلىقچە مەلۇم بولمايدۇ، خاتىرجەم تەمكىن كېلىدۇ، ھەرقانداق شارائىتتا ئۆزىنىڭ پىسخىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ، ھاياجىنىنى بېسىۋالالايدۇ، باشقىلارغا بولغان ھېسسىياتى ناھايىتى سەمىمىي بولىدۇ، چىرايىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەيدۇ، لېكىن يېڭى شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئانچە سېزىمچان ئەمەس، ئىنكاسى بىرقەدەر ئاستا بولۇپ، دىققىتى تۇراقلىق، ئاسانلىقچە يۆتكەلمەيدۇ، تەرسا، سوغۇق كېلىدۇ.
      4. سەۋدا مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى بولسا تەن قۇۋۋىتى ئاجىز، ئاسان ھېرىپ قالىدۇ، كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاستا ھەم كۈچلۈك، قوزغۇلۇشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، سەزگۈر ھەم ئۆز - ئۆزىنى چۈشىنىشكە باي كېلىدۇ، چىدامچانلىقى تۆۋەن بولغانلىقتىن، كۈچلۈك غىدىقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ھېسسىياتى نازۈك بولۇپ ئىنچىكە كېلىدۇ، باشقىلاردىن ئاسانلا گۇمانلىنىدۇ، ئىنكاسى سۇس بولۇپ، مەسىلىلەرنى ئاڭقىرىشى ئاستا بولىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاجىز بولۇپ، ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدۇ، ئىچكى مايىل بولۇپ، مىجەزى يوشۇرۇن كېلىدۇ، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئىش قىلىشتا ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل بولۇپ، چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئويلىنىدۇ. بۇنداق كىشىلەر تەنقىدنى كۆتۈرەلمەيدۇ، سۆز - ھەرىكىتى جانسىز، قورقۇنچاق، تارتىنچاق كېلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر