لەۋ قېنىق رەڭدە بولسا: بۇ بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، چىش ۋە باش ئاغرىش، باش قېيىش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاچچىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ھەمدە توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يېيىشكە بولمايدۇ.
لەۋ سۇس ئاق رەڭدە بولسا: بۇ قان كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئاسان چارچاش ۋە دولىسى ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىقتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، يەر ياڭىقى يەپ بېرىش كېرەك.
لەۋ سۈزۈك قارا رەڭدە بولسا: بۇ قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دېمى سىقىلىش، كۆكرىكى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كۈندە يېرىم سائەت چېنىقىپ بېرىش، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.
لەۋ ئەتراپى قارىدىغان بولسا: بۇ بەدەندە نەملىك ئېشىپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تاتلىق ۋە مايلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىماسلىق، دائىم پۇتنى قىزىق سۇغا چىلاپ بېرىش كېرەك.
لەۋ يېرىلغان بولسا: بۇ بەدەندىكى ماي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، كۈندە 3 تال مايمۇن شاپتۇلىنى يەپ بېرىش، ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ