بوغۇم ياللۇغى كۆپىنچە ھاللاردا قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، بەدەندە مايلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى، مۇھىت، يېمەك - ئىچمەكنىڭ بۇلغىنىشى، بەدەنگە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك بۇ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ . قول بارماقلىرى تەسىرگە ئۇچرىغانلاردا بارماق بوغۇملىرى مايماقلىشىپ قېلىش؛ بويۇن ئومۇرتقىسى تەسىرگە ئۇچرىغانلاردا قول بارماقلىرى ئۇيۇشۇش، قول ۋە بەل تېلىپ ئاغرىش، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىش، مېڭىشى قىيىنلىشىش؛ تىز بوغۇمى تەسىرگە ئۇچرىغانلاردا يول مېڭىش، ئولتۇرۇپ - قوپۇش، پەلەمپەيدىن چىقىپ - چۈشۈش قىيىنلىشىش، ھەتتا تىز ئىچىگە ياكى تېشىغا مايماق بولۇپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بوغۇملار ئاغرىش، ئىششىش، مۇسكۇللار ئۇيۇشۇش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئومۇمىي بەدەن ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ