يۈرەك سانجىقى تاجىسىمان ئارتېرىيەسىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ۋە يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قانغا بولغان ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلۈپ، تاجىسىمان ئارتېرىيە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قانغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن، يۈرەك مۇسكۇللىرىدا جىددىي، ۋاقتىنچە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە قوزغىلىپ، مېڭىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆڭەكنىڭ ئارقى تەرىپى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ ياكى بېسىمغا ئۇچرايدۇ ھەمدە سول مۈرە، سول بىلەك، سول قول تەرەپكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يۈرەك سانجىقى، بولۇپمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق ھەم كەينى - كەينىدىن قوزغالغان يۈرەك سانجىقى ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالامەتلىرى مۇقىم بولىدۇ. بۇ چاغدىكى يۈرەك سانجىقى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالىدۇ.
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان ئاز ساندىكى بىمارلارنىڭ يۈرىكى ئاغرىمايدۇ، بۇنداق ئەھۋال ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمىسە، يۈرەك ئاغرىيدۇ، چۈنكى يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلىكتىن، ماددا ئالماشقاندا نۇرغۇن كىسلاتلىق ماددىلار ھاسىل بولۇپ، يۈرەك تىلى ۋېگېتاتىۋ نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلگەچكە، ئاغرىش ھېس قىلىدۇ. ئاغرىش ھېس قىلماسلىقتىكى سەۋەب، بەلكىم يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولغاندا يۈرەكنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيەسى تۇيۇقسىز توسۇلۇپ قېلىپ، نۇرغۇنلىغان كىسلاتالىق ماددىلار توپلىنىشتىن ئىلگىرى تىقىلما بولغان بولۇشى، تىقىلما دائىرىسى بەك كىچىك بولۇش ياكى باشتا كىچىك بولۇپ، كېيىن تەدرىجىي كېڭەيگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، كېسەل قوزغالغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۈرەك سانجىقى بىلەن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىر خىل كېسەللىك ئەمەس.
ھەمبەھىرلىنىڭ